تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ناترىي بىكاربونات (ئىچىملىك سودا) نىڭ 12 خىل ئىشلىتىش قىممىتى (2)

    ماي دېغىنى چىقىرىش
    يېمەكلىك سوداسى بىلەن قازان، قاچا-قۇچا يۇيغاندا ماي دېغىنى ئۈنۈملۈك چىقارغىلى بولىدۇ، يەنە كېلىپ ناترىي بىكاربونات (ئىچىملىك سودا) نى ئەسلىدىنلا ئىستېمال قىلسا بولىدىغان بولغاچقا، قاچا-قۇچىلاردا قالدۇقى قېلىپ قالسىمۇ بەدەنگە ئەكس تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

    مامۇق كىيىم (羽绒衣) لەردىكى كىرلارنى تازىلاش
    ئەگەر مامۇق كىيىمىڭىز پولىئېستېر ماتېرىياللىق بولسا ھەمدە كىرلىشىپ كەتكەن بولسا، ھۆل لاتىغا ئازراق ناترىي بىكاربونات تەگكۈزۈپ كىيىمنى سۈرتۈپ، كىيىم قۇرىغاندىن كېيىن چوتكا بىلەن يېمەكلىك سودا پاراشوكىنى چوتكىلىۋەتكەندە، مەينەت كىرلار چىقىپ كېتىدۇ.

    چاي دېغىنى چىقىرىش
    بارمىقىمىز ياكى بۇلۇتنى ئازراق نەمدەپ، يېمەكلىك سودا پاراشوكىنى يۇقتۇرۇپ، چاي دېغى قېلىپ قالغان ئورۇننى سۈرتكەندە، چاي دېغى تېزلا چىقىپ كېتىدۇ.

    مۇھىتنى تازىلاش
    ناترىي بىكاربوناتقا چىلانغان لاتىنى چىڭ سىقىۋېتىپ ئىشىك، دېرىزە، توڭلاتقۇ، پەرداز ئۈستىلى، مۇنچا ئۈسكۈنىلىرى، پول، يۈز يۇيۇش دېسى، جۈمەك...قاتارلىقلارنى سۈرتۈپ، ئارقىدىن قۇرۇق لاتا بىلەن قايتا سۈرتكەندە يېڭى ھالەتكە كېلىدۇ.

    ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش
    يېمەكلىك سودا پاراشوكىغا بىر قوشۇق لىمون سۈيى بىلەن ئىككى ئىستاكان قايناق سۇنى قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، پۈركۈش بوتۇلكىسىغا قاچىلاپ چاچقاندا، ھاۋا تازىلىنىدۇ.

    داتنى چىقىرىش
    جۈمەك، قاچا يۇيۇش كۆلچىكىدىكى سۇ دېغى بىر قەدەر جاھىل بولسىمۇ، ئاق ئاچچىقسۇ قوشۇلغان ناترىي بىكاربونات بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئالدى بىلەن داتلىشىپ قالغان ئورۇنغا ئازراق ناترىي بىكاربونات چېچىپ ئاندىن ئاق ئاچچىقسۇ تۆكۈپ، كۆپۈكچە ئۆرلىگەندىن كېيىن، قەغەزنى ئۈستىگە يېپىپ 20 مىنۇتتىن كېيىن پاكىز لاتا بىلەن سۈرتىۋەتكەندە دات پاكىز چىقىپ كېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى