تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

جۇڭتەي T300 EV تىپلىق ئاپتوموبىل بازارغا سېلىندى

  جۇڭتەي ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ساپ توكلۇق T300 EV تىپلىق SUV ئاپتوموبىلى يېقىندا چۇڭچىڭ شەھىرىدە رەسمىي بازارغا سېلىندى. ئىگىلىنىشىچە، جۇڭتەي ئاپتوموبىل شىركىتى بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئۈچ خىل نۇسخىسىنى بازارغا سالغان بولۇپ، بۇ ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش باھاسى 179 مىڭ 900 يۈەندىن 199 مىڭ 900 يۈەنگىچە ئىكەن. تولۇقلىما بەرگەندىن كېيىنكى سېتىلىش باھاسى 91 مىڭ 800 يۈەندىن 109 مىڭ 800 يۈەنگىچە ئىكەن.

  تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىل جۇڭتەي T300تىپلىق ئاپتوموبىل بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، ئوخشىمايدىغان يېرى بولسا، ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى قىسىمىغا كۆك رەڭلىك بېزەك سىزىقلىرى لايىھەلىنىپ، بۇ ئارقىلىق بۇ ئاپتوموبىلنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، جۇڭتەي ئاپتوموبىل شىركىتى بۇ ئاپتوموبىلنىڭ يان تەرىپىگە دولقۇن شەكىللىك لايىھەلەرنى قوللىنىپ، لەيلىمە ئاپتوموبىل تورۇسى بىلەن ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، كىشىگە بىر خىل رىتىم تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدىكەن. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى ئايرىم ھالدا 4405mm  ، 1830mm، 1665mm ئىكەن، ئوق ئارىلىقى 2610mm بولۇپ، يېقىلغۇ ماي ئاپتوموبىل تىپى بىلەن ئوخشاش ئىكەن.

   ئىچكى بېزىلىش جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى بېزىلىشى يېقىلغۇ ماي ئاپتوموبىل تىپى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ئەڭ چوڭ پەرقى بولسا، بۇ ئاپتوموبىلغا بۇرىغۇچلۇق خوت يۆتكەش قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن.
  ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا قۇۋۋەت كۈچى 95kW قا يېتىدىغان مەڭگۈلۈك ماگنىتلىق ماس قەدەملىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئېلېكتىر موتورى سەپلەنگەن بولۇپ، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ يول يۈرۈش مۇساپىسى250 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

  تەقسىملەش جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا بالون بېسىمىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سىستېمىسى، ئەۋزەل تورمۇز سىستېمىسى، قارىغۇ نۇقتىنى كۆزىتىش سىستېمىسى قاتارلىق ئىلغار سىستېمىلار سەپلەنگەن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى