تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

تۇرمۇشتا جورىڭىزغا ئازار بېرىدىغان سۆزلەرنى ئاز قىلىڭ

    كىشىلەر ئاچچىقلانغاندا قاتتىق گەپلەرنى قىلىپ سالىدۇ، بۇنداق قىلىپ قارشى تەرەپكە تەسىر كۆرسەتمەكچى، ئۇنى ئۆزى ئويلىغاندىكىدەك ھالەتتە ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما بۇنىڭ قارشى تەرەپكە قاتتىق ئازار بېرىدىغانلىقىنى، بۇنداق ئەھۋال داۋاملاشقانچە ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان دەزنىڭ چوڭىيىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆپىنچە كىشىلەر بىلمەيدۇ.
    نۇرغۇن زىددىيەتلەر كىشىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان نەچچە ئېغىز گەپتىن پەيدا بولىدۇ.
    تۇرمۇشتا ھەمىشە باشقىلارنىڭ مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ قالىمەن، بەزى ھېكايىلەردە ھېسسىيات مەسىلىسى يۈز بېرىدۇ ۋە كۆپىنچە مەسىلىلەر كىچىك ئىشلاردا بىر-بىرىگە ئازار بېرىشتىن باشلىنىدۇ. ئىككىيلەن تەگىشىپ قالسا «ئۇنىڭ ھەممە يېرى سېنىڭدىن ياخشى»،«نېمەڭگە پوچىلىق قىلىسەن؟»،«سەن دېگەن بىر ھازازۇل»،«سەن لايغەزەل»،«كۆزۈم كور بولۇپ ساڭا تېگىپ قاپتىمەن»،«بۇ ئۆمرۈمدە ئەڭ خاتا قىلغان ئىشىم سەن بىلەن توي قىلغىنىم»...دېگەندەك قاتتىق گەپلەرنى قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ رەزىل ھۇجۇم شۇنداقلا ھېسسىياتنىڭ ئەڭ رەزىل قاتىلى ھېسابلىنىدۇ. ئاساسى ھەر قانچە پۇختا مۇھەببەتمۇ بۇنداق ھۇجۇمغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
    مەن بىر جۈپ قەدىناسلارنى تونۇيمەن، ئۇلار تۇرمۇشتا تەگىشىپ قالسىمۇ، ئەمما قارشى تەرەپكە ئازار بەرمەيدىكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، تۇرمۇشتا جورىسى بىلەن تەگىشىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدىكەن، ئەمما قارشى تەرەپكە ئازار بېرىدىغان سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلانسىلا، ھەر قانداق چوڭ زىددىيەتنىمۇ ھەل قىلغىلى بولىدىكەن. ئەر-ئايال قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشتىن ئەندىشە قىلسا، شۇنداق گەپلەرنى قىلىشتىن ساقلىنالىسا، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى