تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى

  مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى يەنە بىر قېتىم يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلدى.

  يىغىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردىكى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى، ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى تارماق، ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈشى، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تور ئۇچۇر خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم – كوتسىز چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

  يىغىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تېخىمۇ جاسارەتلىك – ياراملىق بولۇش روھىي ھالىتى، ‹‹مىخ قېقىش روھى›› بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ، ھەقىقىي، جايىدا تۇتۇپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

    يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، ‹‹تۆتكە بويسۇنۇش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش ۋاڭ ياڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى پائال ياخشىلاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش؛ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، ئىتتىپاق – ئىناق، باي – ئاۋات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى