«شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» خەۋىرى: كۇچا ناھىيەسى ئىشخىلا بازىرى ئارىمەلە كەنتىدىكى گۆش كالىسى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقان مەمەت توختى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى كالىلارغا يەم بېرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا ناھىيەسى باقمىچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، دېھقانلارنى گۆش كالىسى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، گۆش كالىسى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلارنى سىياسەت، مەبلەغ، تېخنىكا، مۇلازىمەت جەھەتتە زور كۈچ بىلەن قوللىدى.
نۆۋەتتە پۈتۈن ناھىيەدە گۆش كالىسى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلار سانى 1100 ئائىلىگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە بېقىۋاتقان گۆش كالىسىنىڭ سانى 300دىن ئاشىدىغان دېھقانلار تۆت ئائىلىگە، گۆش كالىسى سانى 100دىن ئاشىدىغانلار 27 ئائىلىگە يەتتى. گۆش كالىسى باقمىچىلىقى شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ باي بولۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى يېڭى يولغا ئايلاندى.
(تۇرسۇن توختى فوتوسى)