خەلق تورى خەۋىرى. 2018-يىلى ئېنىرگىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ «يۇقىرى دەرىجىدىكى نۇسخا» نى كۈتىۋېلىشىگە ئەگىشىپ، ئالاقىدار پايدىلار تېز قويۇپ بېرىلدى. ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتىنىڭ 3-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئادەتتىكى سودا ساھەسىدە توك باھاسى ئوتتۇرىچە %10 تۆۋەنلىگەن ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ يۈكىنى ئازايتىش نىشانىدا، ئېلېكتر ئىسلاھاتى مۆلچەرلىگەن ۋاقىتتىن تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى، نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا توك مىقدارىنى كۆپەيتىپ تەقسىملەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش مەملىكەت بويىچە ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىنى قاپلايدۇ، ئېلىكتېر نەق مال بازىرى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ قوزغىتىلىپ سىناق تەرىقىسىدە يۈرۈشىشىدىن ئۈمىد بار، بازارلاشقان سودا نىسبىتى زور نىسبەتتە يۇقىرىلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماي، گاز ئىسلاھاتىدا بىر قاتار سىياسەتلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، ئالاقىدار نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمەتلىرى قوزغىتىلىپ، قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېتىدۇ.