ئۆز خەۋىرىمىز. 3-ئاينىڭ 16-كۈنى سەھەردە ئۈرۈمچى شەھىرى شىنمىن يولى تەۋەلىكى باشقۇرۇش كومىتېتى «چېڭگۇڭ» شەرقىي مەھەللىسىدىكى 78 ياشلىق گۇ خۇاشۇ ئۆزىنىڭ كۆز كېسەللىك تارىخىنى ئېلىپ مەھەللە ياشانغانلار پائالىيەت ئۆيىگە كەلدى. بۇ يەردە «ھەقسىز كېسەل كۆرۈشنى مەھەللىلەرگە ئېلىپ كىرىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە گلاۋكوما كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا بەش يىلدىن ئاشقان گۇ خۇاشۇنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىكى كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلاندى. دوختۇر ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە ئالاقىلىشىش نومۇرىنى تىزىملىۋالدى ھەمدە ئۇنىڭغا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ قايتا تەكشۈرتۈش ھەمدە كۆزىگە كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسىلىنى داۋالايدىغان دورىنى تېمىتىشىنى جېكىلىدى.
گۇ خۇاشۇ مۇنداق دېدى : ئىلگىرى كۆزۈمنى تەكشۈرتۈشتە دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۆچىرەت تۇراتتىم. بۈگۈن خىزمەت ئەترىتى ئىشىك ئالدىمىزغا كېلىپ سالامەتلىكىمىزنى تەكشۈرۈپ قويدى، مەھەللە كومىتېتىنىڭ مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاق رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ شىنمىن يولى تەۋەلىكى باشقۇرۇش كومىتېتى «چېڭگۇڭ» شەرقىي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 60 ياشتىن ئاشقانلار كۆرۈش ئىقتىدارى ۋە كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشكەن-چۈشمىگەنلىكى، قان بېسىمى، قان قەنتى قاتارلىق تۈرلەر بويىچە تەكشۈرتۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.
«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى شيۇڭ بو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى :ھەقسىز كېسەل كۆرۈش پائالىيىتى كېسەلنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئالدىنى ئېلىش، بالدۇر داۋالاش جەھەتتە كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش بىمارلىرىنى ئۆز كېسىلىگە نىسبەتەن چۈشەنچە بىلەن تەمىنلىدى. خىزمەت ئەترىتىمىز يەنە كۆز ساغلاملىقى تەشۋىقاتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاھالىلەرنى كۆرۈش ئىقتىدارى ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە يېتەكلىدۇق. مەھەللىمىزدە ياشانغانلار كۆپ، خىزمەت ئەترىتىمىز بۇنىڭدىن كېيىن شاھمات مۇسابىقىسى، مەيدان ئۇسسۇلى بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق ياشانغانلار كوللېكتىپ پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
شۇ كۈنى ھەقسىز كېسەل كۆرۈشتە 62 ياشانغان كىشىنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلۈپ، كۆز كېسەللىكلىرى بويىچە مەسلىھەت بېرىلدى.
ئاھالىلەر قان بېسىمى، قان قەنتىنى ھەقسىز تەكشۈرتمەكتە.
«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر شەھەر رايونىدا ساغلاملىق بىلىملىرى توغرىسىدا تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتماقتا.