يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ ئىستىقبالى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ
لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ‹‹جۇڭگو خەۋەرلىرى›› پىروگراممىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى.
شۆھرەت زاكىر ئايرىم – ئايرىم ھالدا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئۈستىدە كەڭ – كۇشادە پاراڭلىشىپ، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىدى.
شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ئەھۋالى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى چىڭ ئىگىلەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار ساغلام تەرەققىي قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. 2017 – يىلى شىنجاڭ كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 100 مىليون ئادەم ( قېتىم)دىن ئاشتى، بۇ سانلىق مەلۇمات پۈتۈن دۇنياغا شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى: شىنجاڭ ياخشى جاي!
شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: بىز بىر يىلدىن بۇيان باش شۇجىنىڭ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى›› دېگەن مۇھىم يوليورۇقىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى، بولۇپمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىشكە يېتەكلىدۇق. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى – خىزمەتچى ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدى.
شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندۇق، بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 – ، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرىمىز، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.