ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مېھراي ئابدۇقادىر
مەن ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى خادىمىدىن قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلەپ رەھبەرلىك ئورنىغا چىقتىم، 20 نەچچە يىللىق خىزمەت جەريانىدا، ئەتراپىمدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى.
شىنجاڭدا خىزمەت قىلغان ئىكەنمىز، چوقۇم تەشەببۇسكار، ياراملىق بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇشىمىز كېرەك. ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىغا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ زىيىنىنى ئېنىق سۆزلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش تارىخىي بۇرچۇمنى باشلامچىلىق بىلەن زىممەمگە ئالىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنىڭ ئاساسى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ئىشنى ئۆزىدىن باشلاش›› مەسئۇلىيىتىنى زىممەمگە ئېلىپ، ئىشنى ئەتراپىمدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مەردانىلىك بىلەن قوغدايمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش››، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنىڭ قەلبىمىزدە بىخلىنىپ، يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ، مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولىمەن.
‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› تارىخىي بۇرچۇمنى باشلامچىلىق بىلەن زىممەمگە ئالىمەن. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە زوراۋانلىق – تېررورلۇق ھەرىكىتى جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە. بىز ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى››نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى ئۆزىمىزدىن، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەردىن باشلىشىمىز كېرەك. پارتىيەلىك كادىر، بولۇپمۇ پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئەۋزەللىكىمىزنى، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى تەربىيەلەش، يېتەكلەش رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانۇن، سىياسەت، ۋەزىيەتنى چۈشەندۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە رەزىل ئەپت – بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، تىرىشىپ پۈتكۈل جەمئىيەتتە ھەممە ئادەم ‹‹مۇقىملىقنى قوغدىغۇچى›› بولىدىغان، ھەممە ئادەم ئاكتىپ كۈچ تارقىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.
‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى چوڭقۇر قېزىش تارىخىي بۇرچۇمنى باشلامچىلىق بىلەن زىممەمگە ئالىمەن. چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ پوزىتسىيەسى سۇس، تىلى بىلەن دىلى، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك ئەمەس، ئۇلار ھەتتا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن تىل بىرىكتۈردى، ئېغىز – بۇرۇن يالاشتى، ئۇلار تېخىمۇ خەتەرلىك، ئۇلارنىڭ زىيىنى تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك، تېخىمۇ ئېغىر. پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلىگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن قەتئىي ھالدا سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشنى ھاياتىم دەپ بىلىپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق ئالدىدا تونۇشۇمنى ئېنىق، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قاتتىق زەربە بېرىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.