تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

لوشىن: بېيىش باشلامچىسى بولىمەن

  مۇخبىرىمىز چېن چېن خەۋىرى، فوتوسى

  3 – ئاينىڭ 6 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرىنىڭ لۈزۇڭ كەنتىدىكى تۇرپان ‹‹سەمىمىيەت›› كۆكتات تېرىقچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا زىيارەتكە بارغىنىمدا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مۇدىرى لو شىن كەنت ئاھالىلىرىگە پارنىكتا شوخلا ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقان ئىكەن.

  يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش ئىزچىل دېھقانلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىش بولۇپ كەلدى. لو شىن مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزدا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسىنى كوپىراتىپىمىز بىرتۇتاش سېتىپ چىقارغاچقا، باھاسى يۇقىرى. ئىلگىرى بىر مو يەردىكى پارنىكنىڭ ساپ كىرىمى 15 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىدى، ھازىر 20 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. شۇڭا دېھقانلارنىڭ كۆكتات ئۆستۈرۈش ئىشەنچىسى بارغانسېرى ئاشتى.

  لو شىن يار بازىرىدا پارنىك ھۆددىگە ئېلىپ كۆكتات تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ‹‹كۈرەش قىلىش›› دېگەن بۇ سۆز ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانىغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، ئىگىلىك تىكلەش جاپالىق بولسىمۇ، ئۇ بۇنىڭدىن راھەت ھېس قىلىدۇ. بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن لو شىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى: ‹‹كۈرەش قىلغۇچى روھىيىتى ئەڭ باي، شۇنداقلا بەختنى ئەڭ چۈشىنىدىغان، بەختتىن ئەڭ ياخشى بەھرىمەن بولىدىغان ئادەم››، دېگەنىدى. شۇڭا مەن ئۆزۈمنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىمەن.

  2001 – يىلى لو شىن سىچۈەندىن يار بازىرى (ئەسلىدىكى يار يېزىسى)نىڭ تاغتۈۋى كەنتىگە كېلىپ ئۈچ پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىپ، خېلى ياخشى پايدا ئالدى. پايدا كۆرگەندىن كېيىن، 2005 – يىلى لو شىن تەجرىبىلىك ئالتە دېھقان بىلەن بىرلىكتە لۈزۇڭ كەنتىگە بېرىپ، 500 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ پارنىك ياساپ كۆكتات ئۆستۈرۈپ، شۇ يىلىلا ئۈنۈمىنى كۆردى.

  لو شىن مۇنداق دېدى: 500 مو پارنىكتىكى كۆكتات بازارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. مەن يەنە ئادەم كۆپەيتىپ، يەر ھۆددە ئېلىپ، تۇرپاننىڭ قىشلىق كۆكتاتچىلىقىدا نەتىجە قازىنىشنى قارار قىلدىم.

  كۆپ تەرەپكە قاتراش ئارقىلىق، لو شىن شۇ يەردىكى دېھقانلار ھەمدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كۆكتات ئۆستۈرۈش ‹‹قابىل››لىرىدىن 170تىن ئارتۇق ئادەم بىلەن ئالاقىلىشىپ، يەنە كەنتتىكى 2300 مودىن كۆپرەك يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، 683 پارنىك ياساپ كۆكتات ئۆستۈردى. لو شىن بازار ئېچىش، ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئۈچۈن، 2011 – يىلى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى رويخەتكە ئالدۇردى. 683 پارنىكنى تۆت رايونغا بۆلۈپ، ھەر بىر رايوندا بىرخىل كۆكتات ئۆستۈردى. لو شىن مۇنداق دېدى: ئىش قىلغان ئىكەنمىز چوقۇم ياخشى قىلىشىمىز كېرەك، ياخشى قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئىنچىكە بولۇشىمىز كېرەك. بىز تۆت رايوندا تۆت خىل كۆكتات سورتىنى تېرىپ، ھەر يىلى ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى بازارنى 10 مىڭ توننىدىن ئارتۇق كۆكتات بىلەن تەمىنلىدۇق.

  لو شىن مۇنداق دېدى: بىرلا ئادەم بېيىسا بېيىغان بولمايدۇ، كەنت ئاھالىلىرى ئورتاق بېيىسا بەختلىك بولىدۇ. ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا، كەنت ئاھالىلىرى بىزگە كۆپ ياردەم قىلدى. ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، ئۆزئارا كۆيۈنۈپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلاشقاندىلا، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ يېقىن ئەتراپتىكى لۈزۇڭ كەنتى، جاي كەنتى، سىيىت دېھقان كەنتى، يار بېشى كەنتىدىكى 6000دىن كۆپرەك كەنت ئاھالىسىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ھەميېنىنى تومپايتتى، ئۇلارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى.

  لۈزۇڭ كەنتىدىكى سادەتخان خېۋىر ئائىلىسىنىڭ ئىككى پارنىكى بار. ئۇ مۇنداق دېدى: ئائىلىمىزدە پارنىك كۆكتاتچىلىقى تېخنىكىسىنى بىلىدىغانلار يوق ئىدى، 2012 – يىلى پارنىكنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھەر يىلى ئوبوروت ھەققىگە 10 مىڭ يۈەن بېرىدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، كوپىراتىپتا كۈنىگە 100 نەچچە يۈەنگە ئىشلىيەلەيمەن، پارنىكتا يەنە كۆكتاتچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالالايمەن.

  بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ھەمكارلىق كوپىراتىپى يار بازىرى، ئايدىڭكۆل بازىرىدىكى 1500دىن كۆپرەك ئاھالىنى يېتەكلەپ 5000 مو يەردە پارنىك ياساپ كۆكتات ئۆستۈرۈپ، يىللىق سېتىش كىرىمىنى 17 مىليون يۈەنگە يەتكۈزدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات تېرىقچىلىقى، سېتىپ چىقىرىش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەممە پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىپ، بىرتۇتاش باشقۇرۇپ، بىرتۇتاش سېتىپ چىقاردى.

  كۆكتاتلارنى ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە 30 نەچچە يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك كېلىشىم تۈزۈپ، ئۈرۈمچى، سانجىغا سېتىلىدىغان كۆكتاتلارنى شۇ كۈنىلا يەتكۈزۈشكە، قاراماي، شىخەنزە قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدىغان كۆكتاتنى 12 سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.

  لو شىننىڭ قارىشىچە، ‹‹ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان›› ئەندىزىسىدە كۆپ تەرەپ پايدا ئالىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. لو شىن مۇنداق دېدى: بىز كوپىراتىپنىڭ دەسلەپكى سېلىنمىسى ئارقىلىق، دېھقانلارنى يۈكسىلىشكە يېتەكلىدۇق؛ دېھقانلار كوپىراتىپقا ئەزا بولدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپنىڭ ئۆزىنى باشقۇرۇشى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ئاشتى. مانا مۇشۇنداق دەۋرىيلىك ئەندىزە ئارقىلىق تۇرپاننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش – سېتىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇلۇپ، بېيىشىغا تۈرتكە بولۇندى.

  ھەمكارلىق كوپىراتىپى ‹‹كۆڭۈل قويۇپ ئىش قىلىدىغان، سەمىمىي ئادەم بولۇش، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش دەل مېنىڭ نىشانىم›› دېگەن مۇلازىمەت نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، كەنت ئاھالىسى ۋە خېرىدارلار ئارىسىدا يۇقىرى شۆھرەت قازاندى. لو شىن 2016 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالاندى، 2017 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالاندى؛ تۇرپان ‹‹سەمىمىيەت›› كۆكتات تېرىقچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2013 – يىلى مەملىكەت بويىچە كۆكتات تېرىقچىلىقىدىكى ئۆلچەملىك باغچە رايونى ئۈلگە بازىسى بولۇپ باھالاندى، 2017 – يىلى دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى بولۇپ باھالاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى