تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش: زاۋۇتتىكى كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشى ئۆتمەكتە

25-يانۋار، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسىدا مەخسۇس ئەۋەتىلگەن خادىملار ئۇرۇق تېرىماقتا. بۇ ناھىيە نامرات ئائىلىلەرنى ھەقسىز كۆكتات مايسىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، بالدۇر پىشار كۆكتات تېرىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى. نۆۋەتتە، 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق شوخلا، كۆكمۇچ مايسىسى تەييارلاندى، 2000دىن ئارتۇق نامرات ئائىلە بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدۇ.

     ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىگە سالغان تۇراقلىق مەبلىغى يىلسېرى ئېشىپ، بۇ كەسىپ رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتا ۋە يېزا، كەنتلەردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق يول بولۇپ قالدى.

    كۆپلىگەن توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانا-گۇرۇھلىرى رايونىمىزغا ماكانلاشتى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى يېزا ئاياللىرى ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى بىلەن خوشلىشىپ، زاۋۇتلارغا بېرىپ ئىشلەپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇپ، ئائىلە شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى.

    قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلە يېزىسى يۇقارقى كاكۇلا كەنتىدىكى چىمەنگۈل خالىق دەل شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەن ئېرى ۋە ئۈچ بالىسىنىڭ ناشتىلىقىنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى شېنجىن كەسىپلەر باغچىسى شىنجاڭ مېيلىئو كىيىم-كېچەك زاۋۇتىغا بېرىپ ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولدى. ئۇ بۇ خىزمىتىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. ئىككى يىل جەريانىدا ئۇ كىيىم  تىكىش ھۈنىرىگىمۇ پىشىپ قالدى.

     ئۇ مۇنداق دېدى: دەسلەپتە كەلگىنىمدە كىيىم تىكىشنى ئۆگەندىم، ھۈنەرگە پىششىق بولمىغاچقا ھەر ئايدا 1000 يۈەنلا مائاش ئالاتتىم. ھازىر ھۈنەرگە پىشىپمۇ قالدى، ھەرئايدا 1700 يۈەن ئەتراپىدا مائاش ئېلىۋاتىمەن. ئىككى يىل ئىلگىرى ئائىلىمىزدىكىلەر بەش مو يەرگە ۋە ئېرىمنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىش تېپىپ تاپقان پۇلىغا تايىنىپ كۈن كەچۈرەتتۇق. تۇرمۇشىمىز قىيىنچىلىقتا ئىدى. 2016-يىلى يانۋاردا ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش-تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ كەنتىمىزدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئائىلە ئەھۋالىمىزدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن مېنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى ھەمدە ماڭا بۇ زاۋۇتتىكى خىزمەتنى تېپىپ بەردى.

  شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ كەنتتىكى ئاياللار بىلەن بىرگە ئۆيدىن ئانچە يىراق بولمىغان قەشقەر ئىقتىسادىي-تەرەققىيات رايونىدىكى شېنجىن كەسىپلەر باغچىسىدا ئىشلەشكە باشلىدى.

     ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: 2016-يىلى مېنىڭ مائاشىمنى، ئېرىمنىڭ تاپقان پۇللىرىنى ۋە  بەش مو يېرىمىزدىن كىرگەن كىرىمنى قوشساق 30 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىپتۇق. بىز ئەمدى نامرات ئائىلە ئەمەس. تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. مەن داۋاملىق بۇ يەردە خىزمەت قىلىمەن. ئىشىنىمەنكى، كۈنىمىز تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى