16-يانۋار، چۇڭچىڭ-گۈيجۇ تۆمۈر يولىدا تۇنجى قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزدا خىزمەت ئۆتەيدىغان شوپۇر، پويىز خادىمى، پويىز ساقچىسى قاتارلىقلار چۇڭچىڭ غەربىي بېكىتىدە كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: چۇڭچىڭ-گۈيجۇ تۆمۈر يولىدا شوپۇرلۇق، كۈتكۈچىلىك، ساقچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان خادىملار 16-يانۋار چۇڭچىڭ غەربىي ۋوگزالىدا تۇنجى قېتىم جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى. چۇڭچىڭ-گۈيجۇ تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، چۇڭچىڭ رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك تۆمۈر يول تارماقلىرىدىكى 200دىن ئارتۇق پويىز خادىمى، 80 پويىز شوپۇرى شۇنىڭدەك كۆپلىگەن خىزمەت تەجىرىبىسى مول بولغان پويىز ساقچىلىرى چۇڭچىڭ-گۈيجۇ تۆمۈر يولىدا يولۇچىلارنى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
(ۋاڭ چۇەنجاۋ فوتوسى)