تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون ئۈچ تۈرلۈك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يىراقتىن داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ قېلىپلىشىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى

  مۇخبىرىمىز چاۋ جىن، پىراكتىكانت دىڭ جىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون يىراقتىن داۋالاش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ يىراقتىن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ يىراقتىن داۋالاش خادىملىرىنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)›› ۋە ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ يىراقتىن كېڭەشمە دىياگنوز قويۇش مۇتەخەسسىسلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)››دىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يىراقتىن داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاشقا تۈرتكە بولۇپ، داۋالاشنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  يىراقتىن داۋالاشقا دائىر بۇ باشقۇرۇش تۈزۈملىرىگە ئاساسەن، يىراقتىن داۋالاش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى يىراقتىن داۋالاش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا چوقۇم يىراقتىن داۋالاش ھەمكارلىقى كېلىشىمى ئىمزالىشى كېرەك، كېلىشىم مەزمۇنى ھەمكارلىقنىڭ مەقسىتى، شەرتى، مەزمۇنى، يىراقتىن داۋالاشنىڭ تەرتىپى، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتى، داۋالاشتىن كېلىپ چىقىدىغان زىيان ۋە خەۋپ – خەتەر، تېگىشلىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يىراقتىن كېڭەشمە دىياگنوز قويۇشتا يەنە تەكلىپ قىلغۇچى تەرەپتىكى دوختۇر بىلەن تەكلىپ قىلىنغۇچى تەرەپتىكى مۇتەخەسسىسنىڭ سالاھىيىتى، خىزمەت قائىدىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە تەكلىپ قىلىنغۇچى تەرەپتىكى كېڭەشمە دىياگنوز قويغۇچى مۇتەخەسسىسنىڭ چوقۇم مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچتىن يۇقىرى كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانى بولۇشى ھەم بۇ ساھەدە بەش يىلدىن يۇقىرى كىلىنىكىلىق تەجرىبىسى بولۇشى، يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە داۋالاش ھادىسىسى سەۋەبلىك جاۋابكارلىققا تارتىلمىغان بولۇشى تەلەپ قىلىنغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھەر يىلى يىراقتىن كېڭەشمە دىياگنوز قويۇلغان كېسەل 10 مىڭ قېتىمدىن ئاشقان، ھازىر ئاپتونوم رايون يىراق مۇساپىلىك تېببىي ئىلىم باشقۇرۇش مەركىزىدىن پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانىدا يىراقتىن داۋالاش شۆبە مەركىزى قۇرغان، بۇ ئىككى دوختۇرخانا ئۆز ئالدىغا 130 ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ تورىغا ئۇلانغان بولۇپ، يىراقتىن داۋالاش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرغان. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرمۇ ئايرىم – ئايرىم ھالدا ناھىيە – شەھەرلەردىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن مۇناسىپ ھالدا يىراقتىن داۋالاش تورى قۇرغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى داۋالاش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: باشقۇرۇش چارىسىدە بۇنىڭدىن كېيىن يىراقتىن داۋالاش ھەرىكىتىدە ھۆكۈمەت يۇقىرى سۈرئەتلىك مەخسۇس تور سۇپىسى قۇرىدۇ، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ ھەم مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى قۇرىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى دوختۇرلار دىياگنوز قويۇپ، داۋالاش پىكرى ۋە تەكلىپ بېرىدۇ، تۆۋەن دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردىكى دوختۇرلار ئىجرا قىلىدۇ، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. بۇنداق بولغاندا داۋالاشنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، يەنە ئاغرىقنىڭ شەخسىي سىرىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى