تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2018-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭدا مەملىكەتلىك ئېنگىلىزتىلى دەرىجە ئىمتىھانى توختىتىلىدۇ

 ئاسىيا مەركىزى تورى خەۋىرى: 2018-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭدا مەملىكەتلىك ئېنگىلىزتىلى دەرىجە ئىمتىھانى توختىتىلىدۇ.

 مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان تەتقىقاتخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا بۇ تەتقىقاتخانا تارقاتقان «ئاپتونوم رايونىمىزدا مەملىكەتلىك ئېنگىلىزتىلى دەرىجە ئىمتىھانىنى توختىتىش» قا دائىر ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 2003-يىلى تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك ئېنگىلىزتىلى دەرىجە ئىمتىھانى (PETS) يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 2017-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا قەدەر 30 قېتىمغا يېقىن ئىمتىھان خىزمىتىنى تەشكىللىگەن. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، مەملىكەتلىك ئېنگىلىزتىلى دەرىجە ئىمتىھانى ئاپتونوم رايونىمىزدا نۇرغۇن يېڭى مەسىلىلەرگە يولۇقۇشقا باشلىغان. بىرىنچىدىن، ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى داۋاملىق ئازايغان، بەزىدە ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلار 200 گە چۈشۈپ قالغان. ئىككىنچىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈم ئىسلاھاتىغا ماس ھالدا ئىمتىھان كۆلىمىدە كۆرۈنەرلىك ئېشىش بولمىغان؛ ئۈچىنچىدىن ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قاتلىمى نىسبەتەن تار بولغان.

    يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان تەتقىقاتخانىسى تەتقىق قىلىپ قارار قىلىشى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان مەركىزىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن 2018-يىلىدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزدا مەملىكەتلىك ئېنگىلىزتىلى دەرىجە ئىمتىھانىغا تەشكىللەش خىزمىتى توختىتىلغان. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2018-يىلىدىن باشلاپ سەنشىدا مەملىكەتلىك ئېنگىلىزتىلى دەرىجە ئىمتىھانى (PETS) توختىتىلغان، 2017-يىلى ئەنخۇي ئۆلكىسىدە مەملىكەتلىك ئېنگىلىزتىلى دەرىجە ئىمتىھانى توختىتىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى