تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى

ئىمىن قارى قەييۇم

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيەمىزنىڭ ئەمەلىيەت ئاساسىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىنى دادىل ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قانداق راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت دەۋر تېمىسىغا سىستېمىلىق جاۋاب بېرىپ، نەزەرىيە جەھەتتە زور يېڭىلىق ياراتتى.

   1. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيىتىدۇر

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرەلىشىدىكى مۇھىم ھالقا ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق تۈرلۈك زور نەزەرىيەۋى مەسىلىلەر ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى تەھلىل قىلىش، ھەل قىلىش ئاساسىدا ماركسىزمنى ئۈزلۈكسىز جۇڭگوچىلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىزم دېگەن نېمە، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش، قانداق پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى قانداق قۇرۇش، قانداق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، قانداق تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت زور مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى. بولۇپمۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، ھازىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت زور دەۋر تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىزم قۇرۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا جاپالىق ئىزدىنىپ، زور نەزەرىيەۋى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازاندى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىزنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولسىمۇ ھەل قىلالمىغان بىر مۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى پۈتۈن پارتىيەنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشى بىلەن نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشمۇ مۇقەررەر ھالدا يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. مانا بۇلار بىزدىن ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان پەزىلىتىنى ساقلاپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىيەت ئاساسىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى دادىل ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا بىز ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقئارا ۋە ئىچكى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش، ھازىرقى جۇڭگودا يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەش ئاساسىدا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيەۋى مەسىلىلەر ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىشىمىز لازىم.

   2. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئەنئەنىسىنى ئىزچىل ساقلاپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى ھازىرقى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەن ئاساستا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى نەزەرىيەدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۆنىلىشىنى ئىنىق كۆرسىتىپ بەردى.

  بىرىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىدىيەسى ‹‹تۆت ئۇلۇغ››نى زىچ چۆرىدەپ، ئۇنى يېڭىباشتىن يىغىنچاقلىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ، يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ئىلگىرىلىدى. يولداش شى جىنپىڭ 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇدىن ئىبارەت بۇ ‹‹تۆت ئۇلۇغ›› ئۈستىدە چوڭقۇر ئەھمىيەتلىك سۆزلەرنى قىلدى. ‹‹تۆت ئۇلۇغ››نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىكى بىلىم دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى. شۇڭا يېڭى دەۋردە، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا ‹‹تۆت ئۇلۇغ››نىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، ‹‹تۆت ئۇلۇغ››نىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ‹‹تۆت ئۇلۇغ››نىڭ ئىدىيەۋى مەزمۇنىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشىمىز لازىم.

  ئىككىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋرجۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چۆرىدەپ، ئۇنى يېڭىباشتىن يىغىنچاقلىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دەۋرنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەش ئاساسىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىدە چىڭ تۇرۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. يولداش شى جىنپىڭ 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ‹‹پۈتۈن پارتىيە يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاڭلىق كۈچەيتىشى، بېكىنمە ۋە قاتمال كونا يولغىمۇ، بايراق ئۆزگەرتىدىغان قىڭغىر يولغىمۇ ماڭماي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى باشتىن – ئاخىر قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك›› دەپ تەكىتلىدى. شۇڭا بىز يېڭى دەۋردە يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىمىز، ‹‹تۆت ئىشەنچ›› ۋە ‹‹تۆت ئۇلۇغ›› ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، داۋاملىق يېڭى دەۋرگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز لازىم.

  ئۈچىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ‹‹بەشنى بىر گەۋدە قىلىش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۇنى يېڭىباشتىن يىغىنچاقلىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ‹‹بەشنى بىر گەۋدە قىلىش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىستراتېگىيەلىك پىرىنسىپىنى بېكىتىپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك يېڭى ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ ‹‹بەشنى بىر گەۋدە قىلىش›› ئىكەنلىكى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شۇڭا يېڭى دەۋردە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ‹‹بەشنى بىر گەۋدە قىلىش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بىلەن ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېخىمۇ ياخشى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

  تۆتىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چۆرىدەپ، ئۇنى يېڭىباشتىن يىغىنچاقلىدى. خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش داۋامىدىكى روشەن قىممەت يۆنىلىشى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېڭى دەۋردە جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ‹‹خەلقنىڭ كۈندىن –كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت›› ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. شۇڭا يېڭى دەۋردە، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا نېمە ئۈچۈن خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز، خەلقنى مەركەز قىلىشتا قانداق چىڭ تۇرىمىز، دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، يېڭى نەزەرىيەۋى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز لازىم.

  بەشىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىدىيەسى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، ئۇنى يېڭىباشتىن يىغىنچاقلىدى. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش جۇڭگونىڭ تەجرىبىسى، جۇڭگونىڭ پۈتۈن دۇنياغا سۇنغان جۇڭگو لايىھەسى بولۇپ، بۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەقىل – پاراسەتلىكلىكىنى، جۇڭگونىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداپ، دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىپادىلىدى؛ ھازىر دۇنيادىكى دۆلەتلەر قانداق قىلىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىش، ئورتاق گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى تەسەۋۋۇرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. شۇڭا يېڭى دەۋردە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، بۈگۈنكى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان زور مەسىلىلەر ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېڭى نەزەرىيەۋى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى شەكىللەندۈرۈشىمىز لازىم.

   3. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۈپ قوللانمىسى ۋە تۈپ يادروسىدۇر

  ئەمەلىيەت ئاساسىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى دادىل ئىلگىرى سۈرۈپ، نەزەرىيە جەھەتتە ئۇنى يېڭىباشتىن يىغىنچاقلاش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا توغرا يۆنىلىشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش شەرت.

  بىرىنچى، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇشنى تۈپ قوللانما قىلىشىمىز لازىم. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى غايەت زور جاسارەت، چوڭقۇر نەزەر بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىياتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىش مۇساپىسىدە مىسلىسىز يېڭى كەيپىيات ياراتتى. بۇنىڭدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ بولغانلىقى تۈپ ئاساستۇر. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇل نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىمىزنى ئىلمىي دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيە بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تۈپ قوللانما قىلىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە باشتىن – ئاخىر توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرالايمىز. ئىككىنچى، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇشنى تۈپ يادرو قىلىشىمىز لازىم. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ باش نىشانى، باش ۋەزىپەسى، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشى، تەرەققىيات ئۇسۇلى، تەرەققىيات كۈچى، ئىستراتېگىيەلىك قەدەم – باسقۇچى، تاشقى شارائىتى، سىياسىي كاپالىتى قاتارلىق ئاساسىي مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى، دۆلەتنى ۋە ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرگە چېتىلىدىغان سىستېمىلىق، لوگىكىلىق ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسىنى تەشكىل قىلغان. ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە، بىز يەنە تۈرلۈك مەسىلىگە دۇچ كېلىمىز، لېكىن بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسىغا چېتىلىدىغان ساھەلەردىن چەتنەپ كەتمەيدۇ. شۇڭا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تۈپ يادرو قىلغاندىلا، 21 – ئەسىردىكى جۇڭگو ماركسىزمىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتالايمىز.

  (ئاپتور: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىدىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى