تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

قىزىل ئەسلىمىگە مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىمەن

  چۆچەك شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر كوچىسى قارادۆڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى سېرىكجان ئىمىن

  مەن 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا تۇغۇلغان، كىچىكىمدىنلا قىزىل ئەسلىمىگە چوڭقۇر رىشتە باغلىغان. 20- ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم بىر پېيى چۆچەك شەھىرىگە كەلدى، ئاتا- ئانام تۆت ئېغىز ئۆيىمىزنى ئازادلىق ئارمىيەگە بوشىتىپ بەردى، ئۇلار بۇ يەردە سەككىز يىل تۇردى، بىز ئازادلىق ئارمىيە بىلەن خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ قالدۇق. 1984- يىلىنىڭ بىر كۈنى ئىلگىرى ئۆيىمىزدە تۇرغان ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىسى گۇەن فۇرۇڭ مېنى ئىزدەپ كەلدى، ئۇ مېنى باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ تېپىپتۇ، ئۇ قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ: ئاتا- ئانىڭىز ئەينى يىلى بىزنى ئۆز ئۇرۇق- تۇغقىنىدەك كۆرگەنىدى، شۇنچە يىللاردىن بۇيان سىلەرنى چوقۇم تېپىپ، رەھمىتىمنى بىلدۈرۈشنى ئويلاپ كەلگەنىدىم، دېدى. 30يىلدىن كېيىنكى قايتا ئۇچرىشىش مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، ئارمىيە بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن ئۆتكەن سەككىز يىللىق مۇناسىۋەت بالىلىق دەۋرىمدىكى قىزىل ئەسلىمە بولۇپ، قەلبىمدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقانىدى.

  2009- يىلى 7- ئايدا بالىلىرىمنى يىغىپ، ھويلىمىزدا بايراق چىقىرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم، ئائىلەمدىكىلەر بۇ پىكرىمنى تامامەن قوللىدى. مەن بايراق چىقارغۇچى بولدۇم، ئوغلۇم سالاھىدىن بايراق قوغدىغۇچى بولدى، ئاتا- بالا ئىككىمىز توردىكى سىنلارنى كۆرۈپ ئۆگىنىپ، كۆپ قېتىم مەشىق قىلدۇق، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە، 2009- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 10دا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ھويلىمىزدا لەپىلدىدى.

  شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر قېتىمقى چوڭ بايراملاردا ھويلىمىز كىشىلەر بىلەن توشۇپ كېتىدىغان بولدى، كۆپچىلىك ھەر قېتىم ئۆزلۈكىدىن يىغىلىپ، ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلۈۋاتقان دۆلەت بايرىقىغا ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ. بايراقنى ئېچىش، بايراق چىقىرىشتىن ئىبارەت قارىماققا ئاددىي كۆرۈنىدىغان بۇ ھەرىكەتنى ئۇدا سەككىز يىل داۋاملاشتۇردۇم. ھويلىمىزدا بايراق چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن، مەن يەنە بايراق چىقىرىشقا قاتناشقان ھەر ساھە كىشىلەرگە پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت مەزمۇنلارنى تەشۋىق قىلدىم. ھازىر ھويلىمىز قىزىل ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى قىلىپ بېكىتىلدى. مەن ئۆز ئەۋزەللىكىمنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، قىزىل ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، قىزىل ئەسلىمىنى داۋاملاشتۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە باشلامچىلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى پائال ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىمەن، ئەتراپىمدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ماھىيىتى ۋە زىيىنىنى ئېنىق تونۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم ۋەزىيىتىنى قوغداشقا، يۇرت- ماكانىمىزنى قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ياخشى قۇرۇپ چىقىپ، ياخشى قوغداشقا، ھەر بىر كىشىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام بولۇپ، پائال يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ئاكتىپ كۈچ تارقاتقۇچىلاردىن بولۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىمەن.

  ھازىر 70 ياشقا كىردىم، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نەچچە ئەۋلاد رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى بەختلىك تۇرمۇشقا يېتەكلىگەنلىكىگە، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىلدا ئېلىمىزدە يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدۇم، بىز ھازىر يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەكتىن غەم قىلمايمىز، داۋالانساق داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولىمىز، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە تۆۋەن كاپالەت پۇلى ۋە ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي بېرىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا خىزمىتى يوق ياشلار خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى... بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ بىزگە بولغان غەمخورلۇقى بولۇپ، بىزنىڭ يەنە پارتىيەگە، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرمەسلىككە قانداق باھانىمىز بولسۇن؟

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى كۆزلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەن جۇڭگولۇق بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشقا تولۇق ئىشەنچىم ۋە ئۈمىدىم بار. بىز ھەر مىللەت ئامما قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، قەلبداش بولۇپ، ئاسان قولغا كەلمىگەن بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەيلى؛ ھەر مىللەت ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، تېخىمۇ ئىناق، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى