تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

خىزمەتتىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىش سەنئىتى

  گىرىمنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. كەسپىي ئاياللارنىڭ قىلغان گىرىمى كىشىگە پاكىز، تەبىئىي تۇيغۇ بېرىشى، تېرىنىڭ گۈزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. خىزمەتتىكى ئاياللار كۆزىگە سۇس سۈرمە تارتىۋالسا كۆزىنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر كىرپىكى ئۇزۇن بولمىسا لاك سۈرۈۋالسىمۇ بولىدۇ. قاپاققا ئوچۇق كۆك ياكى يېشىل رەڭلىك گىرىم قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. بولمىسا كۆزى ئىششىپ قالغاندەك كۆرۈنۈپ قېلىشى مۇمكىن. قاشنى بەك ئىنچىكە ياكى تەكشى ياسىۋالغاندا، كىشىگە بىر خىل ياسالمىدەك تەسىر بېرىپ قويغاندىن باشقا، يەنە خىزمەتتىكى ئاياللاردا بولۇشقا تېگىشلىك جەزبىدارلىقنى نامايەن قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدۇ.

   بەك تۇتۇق لەۋ سۇرۇقى سۈرۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك، چۈنكى بەك تۇتۇق لەۋ سۇرۇقى ئادەمنى روھسىز كۆرسىتىپ قويىدۇ، بەك ئوچۇق لەۋ سۇرۇقى سۈرۈشمۇ ئىشخانىغا ماس كەلمەيدۇ. ئاچ قىزىل رەڭلىك لەۋ سۇرۇقىنى ئىشلەتكەندە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. لەۋ سۇرۇقىنى چوقۇم كالپۇك شەكلى بويىچە سۈرۈش كېرەك. بولمىسا كالپۇكتىكى لەۋ سۇرۇقى سۇسلاپ كەتكەندە كالپۇكنىڭ ئەسلى شەكلى مانا مەن دەپلا كۆرۈنۈپ قالىدۇ.

   ئەڭلىك خانىم- قىزلارنى جۇشقۇن، روھلۇق كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ تېرىسى ئاق خانىم- قىزلار مەڭزىگە ئازراق ئەڭلىك سۈرىۋالسا تېرىسىنى ساغلام، نۇرلۇق كۆرسىتىدۇ. ئەڭلىكنى سۈرگەندە يۈز تېرىسىنىڭ تەبىئىي قىزىل يېرىگە تېرە سىزىقچىلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى بويلاپ، تەكشى، مۇۋاپىق سۈرۈش، بەك قىزىل، بەك قېنىق سۈرىۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

   ئەتىر خىزمەتتىكى ئاياللارغا ئالاھىدە جەزبىدارلىق بېغىشلايدۇ. بىراق ئەتىر چاچقاندا بەك جىق چېچىۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر باشقىلار بىر مېتىر يىراقتا تۇرۇپ سىزدىن تارقالغان ئەتىرنىڭ پۇرىقىنى پۇرىۋالسا، ئۇنداقتا سىز ئەتىرنى بەك جىق چېچىۋالغان بولىسىز. بۇنداق كۈچلۈك ئەتىر پۇرىقى سىز بىلەن يېقىن ئورۇندا تۇرۇپ ئىش بېجىرىدىغان خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ ئىش بېجىرىشىگە ۋە ئىشخانىنىڭ ھاۋاسىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن.

   چاچ پاسونى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. قابىلىيەتلىك، تېتىك، جەزبىدار ئايالنىڭ چاچ پاسونى رەتلىك، يىغىنچاق، كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان بولۇشى كېرەك. گۈل چىقىرىلغان ئاجايىپ- غارايىپ چاچ پاسونلىرى كىشىنى ھېيىقتۇرۇپ قويىدۇ. بولۇپمۇ ئاز ئۇچرايدىغان غەيرىي گۈل شەكىللىرى چاچ پاسونى بىلەن ھەر خىل رەڭدە بويالغان چاچلار خىزمەتتىكى ئاياللارغا پەققەت ماس كەلمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى