تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش

− ئاپتونوم رايون ئاممىۋى خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فاڭ خۇيجۈ

   باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاش پارتىيەمىزنىڭ باشتىن- ئاخىر يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇشىنىڭ ئاساسى». ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاممىۋى خىزمەتتە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق، چوڭقۇر، ئىنچىكە ھەل قىلىش ئۈچۈن، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەت تەسەۋۋۇرى ۋە تەدبىردە داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى بېيىتىپ، كارغا كېلىدىغان ئاممىۋى خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىغا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

    ئاممىنى زىيارەت قىلىش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش مېخانىزمى − پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈردى

  شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقنى قوغداشتا دۇچ كەلگەن كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت بىزدىن چوقۇم ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئاممىنىڭ چاكىرى بولۇش، ھەر مىللەت ئامما بىلەن قان بىلەن گۆشتەك، بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشتا چىڭ تۇردى.

  «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى دائىملاشتۇردى، كادىرلار ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا سىڭدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2017- يىلى بەش يىللىق مۇددەتتىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلىپ، كادىرلارنىڭ كەنتتە تۇرۇپ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇشى، ئۇزاق ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. 2014- يىلىدىن بۇيان جەمئىي تۆت تۈركۈمدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىن 43 مىڭ 852 نى، 275 مىڭ 828 ئادەم (قېتىم)نى ئەۋەتتى. ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئامما ئومۇميۈزلۈك مۇنۇلارنى ئىنكاس قىلدى: «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ئارقىلىق، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە باغلاپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ۋە پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى يەنىمۇ كۈچەيدى، يېزىلارنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستى، يېزا ئىقتىسادى يەنىمۇ يۈكسەلدى، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئاشتى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش ئۇلى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى.

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»پائالىيىتى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بېرىش- كېلىش قىلىپ، ئارىلىشىپ، سىرداشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى» دېگەن ئىدىيەدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قەتئىي بوشاشماي قانات يايدۇردى، بولۇپمۇ 2016- يىلى 10- ئايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى. ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە 1 مىليون 90 مىڭ كادىر، ئىشچى- خىزمەتچى ئاساسىي قاتلامدىكى 1 مىليون 460 مىڭ ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى، ئاممىنى جەمئىي 6 مىليون 870 مىڭ (قېتىم)دىن ئارتۇق يوقلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قايتا- قايتا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئىستىلدا دۇرۇس بولماسلىق بىزنىڭ تېخىمۇ چوڭ دۈشمىنىمىز. زىددىيەتكە بىۋاسىتە يۈزلىنىش، تىغ ئۇچىنى ئۆزىگە قارىتىش، كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە «تۆت خاھىش» ۋە يوشۇرۇن، شەكلى ئۆزگەرگەن ھالەتتىكى «تۆت خاھىش»، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى كادىرلارنىڭ قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىسىدىن ئىبارەت «ئۈچ تۈرلۈك مەخسۇس تۈزەش» قانات يايدۇرۇلدى؛ «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىدە «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات» مەخسۇس تۈزىتىلدى، كادىرلار ئىستىلى ھەقىقىي ياخشىلاندى، ئاممىۋى لۇشىيەن تەربىيەسى ئاڭلىق ئەمەلدە كۆرسىتىلدى، خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

    ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى تەربىيەلەش مېخانىزمى − پارتىيە بىلەن ئامما ئارىسىدا «قەلب كۆۋرۈكى» سالدى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: «تەشۋىقات، ئىدىيە بازىسىنى بىز ئىگىلىمىسەك، باشقىلار ئىگىلەپ كېتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات- تەربىيە خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيە، پەن- تېخنىكا، مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ مۈجمەل تونۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى توسۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاساسلىق زېھنىي كۈچىنى ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە قاراتتى.

  «ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەسقاتىدىغان، ئۈنۈملۈك بولۇش» تەلىپى بويىچە، پەن- تېخنىكا، مەدەنىيەت، بىلىمنى يېزا- كەنت، مەھەللىلەرگىچە يەتكۈزۈش قاتارلىق مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، «ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»، «ھەممە كەنتكە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»، «شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى»، «دېھقانلار ئوقۇش ئۆيى قۇرۇلۇشى»نى يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايون بويىچە كەنت دەرىجىلىك بازىلاردا ھەر دۈشەنبە كۈنى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، لېكسىيە سۆزلەش، ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم دېھقانلار كەچلىك كۇرسى ئېچىش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش تەربىيەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت تىلى ئۆگىنىش، قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىبرەت تەربىيەسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى لېكسىيە، ئۆگىنىش مەزمۇنىغا كىرگۈزدى. بۇ «چوڭ قۇرۇلۇشلار»، «چوڭ پائالىيەتلەر» ۋە «بەلگىلەنگەن ھەرىكەتلەر» تەشۋىقاتنىڭ تەسىر كۈچى، ئۈنۈمىنى ئاشۇردى.

  «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدىكى قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان كادىرلار، ناھىيە، يېزىلاردىكى كەنت، ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلار، «قوش تىل» مائارىپىغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار قاتارلىق كەنتتە تۇرۇۋاتقان كۈچلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش، دوستلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، ئىشلەپچىقىرىشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، مۇرەككەپ ئىشنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئاممىغا بولغان تەشۋىقاتنى چۈشىنىشلىك قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى مۇستەھكەملىدى؛ «تۆت پېشقەدەم»لەر، «پۇقرا تەشۋىقاتچى»لارنىڭ تەجرىبىسى مول، ئاممىۋى ئاساسى ياخشى، ئىناۋىتى يۇقىرى بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئاممىغا پارتىيەنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى، يۇرتىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ۋە ئەتراپىدىكى ئىلغار تىپلارنى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىدى.

  زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا- كەنتلەرگە يار- يۆلەك بولىدىغان مەدەنىيەت- تەنتەربىيە جەمئىيەتلىرىنى قۇرۇپ، كەنتتە مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە قوشۇنى قۇرۇپ، پائالىيەتلەرنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى. سەھرا مەدەنىيەت كەسپىدىكى قابىللار، ئەلئارا مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلغۇچىلارغا ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇلارنى يېتىشتۈرۈپ، مول مەزمۇنلۇق، سەرخىل بولغان ئاممىۋى مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى تارقىتىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسۇپ، فېئودال خۇراپاتلىق قاتارلىق جەمئىيەتتىكى رەزىل ھادىسىلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مەنىۋى جەھەتتە، قىزىقىش جەھەتتە ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىدا زامانغا لايىقلىشىشقا، زامانىۋىلىشىشقا يېتەكلىدى.

  «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار بەس- بەستە قەسەم بېرىش، تەشۋىق قىلىش، ئىپادە بىلدۈرۈش، نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق سىياسىي مەيدانى ۋە سىياسىي پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈشكە يېتەكلەندى، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن گېزىت- ژۇرناللاردا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىدا لېكسىيە سۆزلەپ، كادىرلار، ئامما يىغىنلىرىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنىڭ داغدۇغىلىق ساداسىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ياڭراتتى. كەينى- كەينىدىن ئۆتكۈزۈلگەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىشىدىكى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

    ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىنى باشقۇرۇش مېخانىزمى − خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ۋە خەلققە پايدىلىق «ھاللىق سەۋىيە يولى»نى كېڭەيتتى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ئاممىنى بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش − بارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى» دەپ كۆرسەتكەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى داۋاملىق ئېلان قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمى ۋە ۋاسىتىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

  خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسى داۋاملىق زورايتىلىپ، ئامما ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈلدى. مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر مىللەت ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان زور خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى بۆسۈش ئېغىزى ۋە مەۋقە قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنى داۋاملىق زورايتتى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلگەن مالىيە چىقىمىنىڭ جامائەت مالىيە خامچوت چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %70تىن ئېشىپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى. 2016- يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالىنىش قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان توققۇز چوڭ قۇرۇلۇشنى، «كادىرلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار <قوش تىل> مائارىپىغا ياردەم بېرىش پىلانى»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، ئاپتونوم رايونىمىز مىقياسىدا يېزا مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇردى... ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنى بېيىتتى. مەركەزنىڭ يۆلەش- ئېچىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۆلەش سىياسىتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا بولۇشىنى كەنت، ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 28 نامرات ناھىيە، 1743 نامرات كەنت، 1 مىليون 220 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ «بىرىنىڭمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالماي»، قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، نامرات ناھىيە، نامرات يېزا، نامرات كەنتلەر بىلەن باشلامچىلىق بىلەن ئالاقە باغلىدى؛ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى كەنتنى ھۆددىگە ئېلىپ ئاھالىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش پىلانى تۈزۈپ، نامراتلارنى يۆلەش بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، تەشۋىقات- تەربىيە ئارقىلىق ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، نامراتلارنى يۆلەش جېڭىدىكى «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئاتتى.

  ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش يولىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئاممىغا تېخىمۇ قولايلىق ياراتتى. مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، توردا ئىش بېجىرىپ، ئاممىغا ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق ياراتتى. مەمۇرىي تەستىق مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە بىرلەشمە تەستىق مەشغۇلات مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. كەنت (مەھەللە) پارتىيە تەشكىلاتلىرى «تۆت تۈرلۈك پائالىيەت» مۇلازىمەت مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، چاقىرىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ، باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش داۋامىدا ناچار ئۆرپ- ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناقلىق، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلدى.

    ئاممىنى تەشكىللەش ۋە سەپەرۋەر قىلىش مېخانىزمى − ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ «مۇداپىئە تورى»نى پۇختىلىدى

  تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كۈچى خەلقتە. بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلاشقان ھەر مىللەت ئامما ئارقا تىرەك بولمىسا، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ئاساسى بولمايدۇ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭمۇ ئاساسى بولمايدۇ.

  ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش ئامما ئالدىنى ئېلىش كۈچىنى كۈچەيتتى. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى قاتارلىق ھەر قايسى كۈچلەر بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلدى. جەمئىيەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى پۇختىلاندى. جەمئىيەت باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، شەھەر- يېزىلارنى تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى، پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئامما تۈزەش مېخانىزمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنى يېزا- كەنتلەرگە كىرگۈزۈش ئاھالىلەرنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلىشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلدى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە ئاممىنىڭ كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىنىپ، مەزمۇنى كونكرېت، تەدبىرى پۇختا، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، مەشغۇلاتى قولايلىق بولغان يېڭىچە كەنت قائىدىسى، ئاھالىلەر ئەھدىنامىسى تۈزۈلۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئەمەلىي مەشغۇلاتچانلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقى ئاشۇرۇلدى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش، پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق نۇقتىلىق مەزمۇنلار بۇنىڭغا كىرگۈزۈلۈپ، توختاملىشىش، ۋەدىلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كەنت ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلدى.

    ئاممىنىڭ تەلىپىنى ھەل قىلىش مېخانىزمى − زىددىيەتنى ھەل قىلىش يولىنى راۋانلاشتۇردى

  بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەت تەلىپى كۈنسېرى كۆپ مەنبەلەشمەكتە، كۆپ خىللاشماقتا، بولۇپمۇ شىنجاڭدا خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قوغداش ئىجتىمائىي مۇقىملىققا، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بېرىپ تاقىلىدۇ.

  ئاممىنىڭ تەلىپىنى ئىپادىلەش يوللىرى كېڭەيتىلىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، ئەلرايى راۋان ئىگىلىنىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان زىددىيەت، ماجىرالار ۋاقتىدا ھەل قىلىندى. رەھبىرىي كادىرلار ئاممىنىڭ ئەرز- شىكايەتلىرىنى قوبۇل قىلىش ھەپتىلىكى، ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش كۈنى، ئامما ئەھۋال ئىنكاس قىلىش نۇقتىسى قاتارلىق خەلقنىڭ دەۋا تەلىپىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاڭلاشنى دائىملاشتۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىش مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە زىددىيەتنى پەسەيتىشنىڭ «كەلكۈن توسمىسى»غا ئايلاندۇرۇلدى. ھۆكۈمەت تور پونكىتى قۇرۇش، رەھبىرىي كادىرلار خەت ساندۇقى تەسىس قىلىش، قىزىق لىنىيە تېلېفونى تەسىس قىلىش، توردا ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش جەمئىيەت ئەھۋالى، ئەلرايىنى ئىگىلەشنىڭ «ئۇچۇر سۇپىسى»غا ئايلاندۇرۇلدى. 2016- يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە «خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى» دىن جەمئىي 8 مىليون نۇسخا تارقىتىلدى. بىر جايدا ئىش بېجىرىش مۇلازىمەت زالى كەڭ دائىرىدە تەسىس قىلىنىپ، مەمۇرلارنىڭ ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، تۇنجى سوئالغا جاۋاب بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، بىرلەشتۈرۈپ ئىش بېجىرىش كۆرسەتمىسى قاتارلىقلار كۈچەيتىلىپ، خەلقنىڭ دەۋا- تەلەپلىرىنى ئېيتىش يوللىرى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇلۇپ، يۆنىلىشنىڭ تېخىمۇ ئېنىق، تەرتىپلىك، جايىدا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇندى.

  ماجىرالارنى ھەل قىلىش، مۇرەسسە قىلىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، زىددىيەتلەر بىخ ھالىتىدە تۈگىتىلدى. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئالاقىلىشىش نۇقتىسى تۈزۈمى ئورنىتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ «يۇقىرىغا ئەرز قىلىشى» رەھبەرلەرنىڭ «تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىشى»غا، «پاسسىپلىق» « تەشەببۇسكارلىق»قا ئۆزگەرتىلدى. كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈپ، كەنت (مەھەللە)لەردە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى، «ئىشنى ئەتىگەندە ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەچتە مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم قىلىش» خىزمەت ئۇسۇلى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلىپ، ئاممىۋى خىزمەتلەردە «ۋەقەدىن قۇتقۇزۇش» «ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىش»قا ئۆزگەرتىلدى. ئەرزىيەت قەرەللىك يىغىنى، رەھبەرلەر دېلونى كۆتۈرۈگە ئېلىش، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ قانۇن چۈشەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەت تۈزۈملىرى ئورنىتىلىپ، ئامما ئارىسىدىكى زىددىيەت، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، ناھىيە، يېزا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى قاتارلىق ھەر قايسى كۈچلەر بىر تۇتاش پىلانلىنىپ، «ئەلرايىنى كەڭ كۆلەمدە ئىگىلەش، زىددىيەتنى كەڭ كۆلەمدە مۇرەسسە قىلىپ ھەل قىلىش، خەۋپنى كەڭ كۆلەمدە تۈگىتىش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەممە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئاپتونوم رايوننى قاپلىغان زىددىيەت- ماجىرالارنى مەنبەدىن ھەل قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىلدى، يەرلەرنى ئېنىقلاش، يېزا- كەنت مالىيەسى، شەھەر- يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت، پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق ئامما ئومۇميۈزلۈك ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ھەل قىلىنىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ كۆڭلى ئۇتۇلدى.

  ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، پەقەت ئاممىۋى خىزمەتتىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتەرنى ياخشى، جانلىق ئىشلىتىپ، كارغا كېلىدىغان ئاممىۋى خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىسەكلا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشەلەيمىز، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاممىۋى ئاساسى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، ئارزۇغا بىرلىكتە يېتىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىناق- ئىتتىپاق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەتجان ياسىن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى