تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى بولغاچقا، بارچە دىللار تولدى ئىللىق باھارغا   ›   ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش

سەمىمىي غەمخورلۇق ۋە زور مەدەت

«شىنجاڭ گېزىتى» باش ماقالىسى

 شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە نىسبەتەن 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ئالاھىدە بىر كۈن بولدى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە نىسبەتەن شاد-خۇراملىققا چۆمگەن ياخشى كۈن بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چۈشتىن بۇرۇن، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، ھەر مىللەت ۋەكىللىرىنى يوقلىدى، قاراپ چىقىشقا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بۇنىڭدىن قاتتىق ھاياجانلاندى ۋە زور ئىلھام ئالدى. بۇ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي خىزمىتىگە يەنە بىر قېتىم يۈزتۇرا يېتەكچىلىك قىلىشى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما بىلەن تومۇرداش بولغان ھەم ئۇنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان سىستېمىلىق مۇلاھىزە، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدىكى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورالىمىز ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىمىز بولۇپ، يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىزنى تۈپكى قوللانما ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىن ئەتتى.

 باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى باش شۇجىنىڭ قەلبىگە پۈكۈلگەنىدى.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى باشتىن-ئاخىر تەكىتلەپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى كۆپ قېتىم ئېچىپ، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. شىنجاڭغا شەخسەن ئۆزى كېلىپ، خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىشتىن تارتىپ، مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىشكىچە؛ پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى يىغىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پىلانلاش، ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن تارتىپ، بىر قاتار ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ۋە تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشقىچە؛ لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ يېزىسى داشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ماگىنتتەك يۇرتداشلارنى بىر يەرگە ئۇيۇشتۇرۇشىغا مەدەت بېرىشتىن تارتىپ، ئۆز قولى بىلەن «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى» ناملىق رامكىلىق تەبرىك سۆزىنى يېزىپ بېرىشكىچە؛ كۇچادىكى «كەشتىچى ئاچا-سىڭىل» قاتارلىق ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىنى شەخسەن ئۆزى قوبۇل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى قېرىنداشلارچە ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى بىرلىكتە قوغداشقا ئىلھاملاندۇرۇشتىن تارتىپ، شەخسەن ئۆزى قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى توختىخان قۇربانغا جاۋاب خەت يېزىپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىنى پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشكىچە... پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە نۇرغۇن قان-تەرىنى سىڭدۈردى. باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولۇپ، چەكسىز ئىللىقلىق يەتكۈزدى، بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۆڭلىگە مەڭگۈ پۈكۈلدى.

 ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىگە قەتئىي بويسۇنۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەلەپلىرىنى كەم-كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىدە «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ۋەزىيىتىنى ساقلاش قاتارلىقلار باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە زور تۈرتكە بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجرا قىلساقلا، بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خىرىسنى يېڭىپ، ئىتتىپاقلىقنىڭ ئۇلۇغۋار كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، بېكىتىلگەن نىشانغا قاراپ دادىل قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلىيەلەيمىز. بۇ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەڭ قىممەتلىك تەجرىبە.

 باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا مەدەت بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم مۇنداق كۆرسەتتى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئىتتىپاق-ئىناق، گۈللەنگەن-باي، مەدەنىي-تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. باش شۇجى كېيىنكى قەدەمدىكى شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ئىگىلىدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى خۇددى قۇياش نۇرىدەك شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە پارلاق ئىستىقبال ۋە ئۈمىد، ئىشەنچ ۋە كۈچ ئاتا قىلدى، بىز بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلىسەكلا، بۇرچنى ئادا قىلىپ، ئۈمىدنى ئاقلىيالايمىز! ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق كادىرلار، ئامما قەتئىي سەگەك بولغان سىياسىي ئاڭ، يۈكسەك ئاڭلىق بولغان ئومۇمىيەت ئېڭى، قەتئىي سادىق بولغان يادرو ئېڭى، پائال تەشەببۇسكار بولغان بىردەكلىك ئېڭى بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مول مەزمۇنى ۋە مەنىۋى ماھىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە توغرا ئىگىلەپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ھەر مىللەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

 يېڭى بۇرچ يېڭى مۇساپىنى باشلىدى. باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە زور مەدىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، پارتىيەنى ھىمايە قىلىش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتىكى كۈچلۈك ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىرلىكتە كۈرەش قىلىدىغان پۈتمەس-تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلانغۇسى! پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، دادىللىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، خىزمەتلەرنى بىر-بىرلەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسىلىلەرنى بىر-بىرلەپ ھەل قىلىپ، ئىشلارنى بىر-بىرلەپ ياخشى بېجىرىپ، قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يولنى بويلاپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى