ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يەر تەۋرىگەن رايوندىكى بىرىنچى سەپكە بېرىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ئاممىدىن ھال سورىدى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بىرىنچى ۋاقىتتا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى ھەم قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقچى ناھىيەسى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان بىرىنچى سەپكە دەرھال يېتىپ بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا - بازار، ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاپەت ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلدى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ۋە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىملىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.