تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يەر تەۋرىگەن رايوندىكى بىرىنچى سەپكە بېرىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ئاممىدىن ھال سورىدى

​ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك​

خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقچى ناھىيەسى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە دەرھال يېتىپ بېرىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئاقچى ناھىيەسىنىڭ قۇلانساراق يېزىسى بەدەل كەنتىدە، چارۋىچىلارنىڭ چارۋا بېقىش نۇقتىلىرىدىكى ئۆيلەرنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، چارۋىچى ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۇچتۇرپان، 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سائەت 2دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بىرىنچى ۋاقىتتا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى ھەم قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقچى ناھىيەسى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان بىرىنچى سەپكە دەرھال يېتىپ بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا - بازار، ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاپەت ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلدى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ۋە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىملىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ يېتەكچىلىك قىلىش، ھال سوراشقا قاتناشتى.

ئاقسۇغا بېرىپلا، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئاپتوموبىل بىلەن قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاقچى ناھىيەسى قۇلانساراق يېزىسىغا باردى. يېزىلىق ھۆكۈمەتتە، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئاپەت ئەھۋالىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋە بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. شۇ جاينىڭ يول، سۇ، توك، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئەسلىھەلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ نورماللاشقانلىقىنى، زىيانغا ئۇچرىغان ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تېزدىن رېمونت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىگىلىدى، ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: چوقۇم ئاممىنىڭ ھال - ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇل ئەسلىھەلەرنى تېزدىن ياخشى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاپەتنىڭ ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىش كېرەك. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى ۋە قۇتقۇزۇش - ياردەم قىلىش كۈچلىرىنى تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننىڭ قۇتقۇزۇشقا - ياردەمگە ئېرىشىش ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئارقىدىن ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتمۇقات تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان قۇلانساراق يېزىسىنىڭ بەدەل كەنتىگە كېلىپ، چارۋىچىلارنىڭ چارۋا بېقىش نۇقتىلىرىدىكى ئۆيلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، چارۋىچى ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. «ھازىر نەدە تۇرۇۋاتىسىلەر؟» «ئائىلەڭلارنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟» ما شىڭرۇي ئاممىدىن ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، بىزگە كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىغا چوقۇم ياخشى كۆڭۈل بۆلۈشنى تاپىلىدى. ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ئاپەتكە ئۇچرىغان چارۋىچى ئاممىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يۆتكەپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ياتاق - تامىقىنىڭ ياخشى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار پۈتۈن شىنجاڭدىكى چارۋىچىلارنىڭ چارۋا بېقىش نۇقتىلىرىدىكى ئۆيلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سىستېمىلىق بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، كونكرېت لايىھەنى چىڭ تۇتۇپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، چارۋا بېقىش نۇقتىلىرىدىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنى بىخەتەر ئۆي قىلىپ سېلىشقا تىرىشىشى كېرەك.

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ قىرغىز يېزىسى يۇقارقى يامانسۇ كەنتىگە كېلىپ، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان ئارمىيە ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. كەنت ئاھالە كومىتېتىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى سەمىمىي يوقلىدى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يەنە يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىپ، زىيانغا ئۇچرىغان سىنىپلارنى كۆردى، ئالاقىدار يولداشلارغا سىنىپلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاش ۋە رېمونت قىلىپ مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلىشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىدى.

ما شىڭرۇي يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ھال سوراش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، تۈرلۈك خىزمەتلەر تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، تاپشۇرۇقىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، قەتئىي تۈردە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ياخشى كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، بايلىق ۋە كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەقسىملەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۇرمۇش زۆرۈر ماددىي ئەشيالىرى بىلەن يېتەرلىك تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، خەۋەرلىشىش، سۇ، توك، ئىسسىنىش بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىككىلەمچى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قالدۇق يەر تەۋرەشنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زىيانغا ئۇچرىغان ئۆي قاتارلىق نۇقتىلىق جايلاردىكى خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، يېڭىدىن ئاپەت ۋە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش كۆرۈلۈشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ئاممىۋى پىكىر، تەشۋىقات خىزمىتىنى ئىلمىي ياخشى ئىشلەپ، ئاپەت ئەھۋالى ئۇچۇرى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا، دەل جايىدا، ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي ئېلان قىلىپ، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، توردىكى تۈرلۈك ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئۇچۇرلارنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

ياڭ چېڭ، قادېن كەبىن، مەردان مۇقىيىت يېتەكچىلىك قىلىش، ھال سوراشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.