تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

نەق مەيدان خەۋىرى | قاراسۇ كەنتى ئاھالىلىرى ئەتكەن ھورى چىقىپ تۇرغان پولۇ تەييار بولدى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى  ليۇ يى

   قازاندىكى قىزىغان مايدىن كۆكۈچ ئىس كۆتۈرۈلدى، ئاشپەز ئۇستام بىر بوتۇلكا تەڭشەلگەن تۇز سۈيىنى ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن ئۇنىڭ ئىچىگە تۆكتى، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە كۆتۈرۈلگەن ئىس ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنى قاپلىدى.

   ئۇستام ئوتنىڭ كۈچلۈك ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، قازانغا سېلىنغان گۆش، پىياز، سەۋزىلەرنى راسا ئوبدان قورۇدى، ئاندىن تەڭشەلگەن سۈيىگە گۈرۈچنى سېلىپ تۇۋاقنى يېپىپ دۈملەپ، ئوخشىغان پولۇنى پىشۇرۇپ تەييار قىلدى. يەر تەۋرەپ 12 سائەت ئۆتكەندە، قاراسۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ھورى چىقىپ تۇرغان چۈشلۈك تاماقنى ئېتىپ تەييار قىلدى. شۇ جايدىكى كىشىلەر ئادەتلەنگەن بۇ خىل پولۇ ئېتىش ئۇسۇلى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى قەھرىتان سوغۇقتا مەززىلىك تاماق يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ قىرغىز مىللىي يېزىسىنىڭ قاراسۇ كەنتىدە، شۇ جايدىكى كادىرلار پولو ئەتمەكتە.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى فوتوسى

    1-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 2دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى. ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يامانسۇ قىرغىز يېزىسى قاراسۇ كەنتى يەر تەۋرەش مەركىزىدىن 20 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتا بولسىمۇ، يەر تەۋرەشنىڭ كۈچلۈك بۇزغۇنچىلىق كۈچى يەنىلا بۇ كەنتنى ئاز بولمىغان بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى.

   قاراسۇ كەنتى جايلاشقان رايون يەر تەۋرەش كۆپ يۈزبېرىدىغان رايون بولۇپ، تارىخىي سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئەتراپىدىكى 200 كىلومېتىر دائىرىدە يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان يۈز قېتىمدىن ئارتۇق ئۈچ بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىگەن، ئەمما تەۋرەش دەرىجىسى بۇنداق كۈچلۈك بولغان يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ باقمىغان.

    «ئۆيىمىزنىڭ تاملىرىغا چاك كېتىپتۇ، قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ يەنە بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئاپام ئىككىمىز كەنت كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە كەنت كومىتېتىغا تەسىس قىلىنغان ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كەلدۇق.» قاراسۇ كەنتىدىكى دېھقان گۈلباھار ھەسەن مۇنداق دېدى: يەر تەۋرەشنىڭ بۇزغۇنچىلىقى كۈچلۈك بولسىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشىمىزگە ئىشەنچ ئاتا قىلدى.

    30 مىنۇتتا ئۆينىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش تۈگىدى، بىر سائەت ئىچىدە ئورۇنلاشتۇرۇش-خەتەردىن ساقلىنىش تاماملاندى، ئەتىگەن سائەت 9دا ۋاقتىدا ناشتا قىلدى، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا سۇ، توك، ئىسسىق تاماق، مەش بار... گۈلباھار ئۆتكەن بىر كېچىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى تەمكىنلىك بىلەن ئەسلىدى، ئۇ يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويمىغان ئىدى.

   بۇ تەمكىنلىك ئاساسەن شۇ جايدىكى كادىرلارنىڭ تىرىشچانلىقىدىن كەلگەن. يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك كادىرلار دەرھال يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلاندى. يامانسۇ قىرغىز مىللىي يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گۈلبوستان ساۋۇت مۇنداق دېدى: ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كەلگەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىش سوغۇقىدا قالماسلىقى ئۈچۈن، يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار كېچىلەپ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ، يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈردى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ۋاقتىدا يۆتكىدى ھەمدە يېتەرلىك زاپاس ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەپ كەلدى، سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش كىيىملىرىنى تولۇق تەييارلىدى.

   «تەييار يېمەكلىكلەر بار بولۇپلا قالماي، بىز يەنە ئاشپەزلەرنى تەكلىپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە نەق مەيداندا مەززىلىك ئىسسىق تاماق ئېتىپ بەردۇق.» گۈلبوستان مۇنداق دېدى: ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا زاپاس ساقلانغان تۈرلۈك يېمەكلىك ماتېرىياللىرى ۋە يېمەكلىكلەر ئۈچ كۈنلۈك ئېھتىياجنى قاندۇرالايدۇ، كادىرلار كېيىن يەنە تۈرلۈك كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاددىي ئۆي تامىقى ئارقىلىق ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

   نۆۋەتتە، قاراسۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى يەنىلا جىددىي ئىشلەنمەكتە. ھەرقايسى يوللاردىكى قۇتقۇزۇش كۈچلىرى ئارقا- ئارقىدىن يېتىپ كەلدى، پۈتۈن كەنتتىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى 25 چېدىر پۈتتى، سۇ، توك، پار قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە كاپالىتى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.