تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې خۈيبيەن، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ) «بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش دەرىجىسى يۇقىرى بولسىمۇ، ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجە بويىچە ئۆي-ئىمارەتلەر چوڭ زىيانغا ئۇچرىمىدى، ھازىر ئىستاتىستىكا قىلىنغان ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسى چەت، يىراق چارۋىچىلىق رايونلىرىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئاساسەن چارۋىچىلار ئۆزى سېلىۋالغان ئۆي ۋە ۋاقىتلىق ئۆيلەرنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ شىنجاڭنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر جالىن نۇرغامىت 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېچىلغان ئۇچتۇرپاندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا.
جالىن نۇرغامىت مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى، بولۇپمۇ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنى پۇختىلاش سالمىقىنى زورايتتى.
2004-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە باشلامچىلىق بىلەن يېزىلاردا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلدى. 2009- يىلىدىن 2010-يىلىغىچە، مەركەز ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشىنى قوللىدى. 2011-يىلى 3-ئايدا تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە، شىنجاڭنىڭ شەھەر-يېزىلىرىدىكى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى مەركەزنىڭ يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، شىنجاڭدا يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى بېكىتتى. 20 يىلغا يېقىن سىجىل ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە تۇنجى بولۇپ يېزىلارنى ئەمىن ئۆي بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.
جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 1-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 2 دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 41.26 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.63 گىرادۇستا بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 22 كىلومېتىر ئىكەن. ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتىدە بىردەك كۈچلۈك تەۋرەش بولغان.
1-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ كۆك ئاسمان قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئۆيلەرگە كىرىپ بىرمۇبىر تەكشۈردى.
شىنجاڭ كۆك ئاسمان قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئەترىتى تەمىنلىگەن سۈرەت
«بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش دەرىجىسى يۇقىرى، لېكىن ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى ئانچە ئېغىر ئەمەس.» شىنجاڭ يەر تەۋرەش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جاڭ يۇڭجيۇ مۇنداق دېدى: يەر تەۋرەشنىڭ ئۆزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاساسلىقى ئىككى جەھەتتىكى سەۋەب بار، بىرى، تەۋرەش مەركىزى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يامانسۇ قىرغىز يېزىسى تەۋەسىدە بولۇپ، ئېگىز تاغ رايونىغا تەۋە، تەۋرەش مەركىزى چەمبىرىكىدىكى بەش كىلومېتىر دائىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى تەخمىنەن 3048 مېتىر، نوپۇس شالاڭ. يەنە بىر تەرەپتىن تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 22 كىلومېتىر بولۇپ، نىسبەتەن چوڭقۇر.
1-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 19گىچە، ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسى جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورى مەركىزى بىلەن بىرلىشىپ تۆت قېتىم يەر تەۋرەش ئەھۋالى توغرىسىدا كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى. ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاساسلىق يەر تەۋرەش-قالدۇق يەر تەۋرەش تىپىدىكى يەر تەۋرەش بولۇپ، قالدۇق يەر تەۋرەش يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشىدىكەن. جاڭ يۇڭجيۇ يەر تەۋرەش رايونىدىكى كەڭ ئاممىغا زىيانغا ئۇچرىغان ئۆيلەردىن يىراق تۇرۇپ، بۇزۇلۇپ كەتكەن ئۆيلەرگە ۋاقتىنچە قايتماي، قالدۇق يەر تەۋرەش ئېلىپ كېلىدىغان خەتەردىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتتى.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ھىندى ئوكيان بۆلىكى بىلەن ئاسىيا-ياۋروپا بۆلىكى سوقۇلىدىغان ئالدىنقى بەلباغقا جايلاشقان، يەر تەۋرەش كۆپ، كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى چوڭ، تارقىلىشى كەڭ بولۇپ، دۆلىتىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى يەر تەۋرەش ھەرىكىتى سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى رايون ئىكەن.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدا ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش قېتىم بەش بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش، بىر قېتىم ئالتە بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش يىلدىن ئالتە يىلغىچە بىر قېتىم يەتتە بالدىن كۈچلۈك يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن. شىنجاڭدا كۆپلىگەن يەر تەۋرەش بەلبېغى تارقالغان بولۇپ، شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئالتاي يەر تەۋرەش بەلبېغى، شىمالىي تىيانشان يەر تەۋرەش بەلبېغى، جەنۇبىي تىيانشان يەر تەۋرەش بەلبېغى، غەربىي كوئېنلۇن يەر تەۋرەش بەلبېغى ۋە ئالتۇنتاغ يەر تەۋرەش بەلبېغىدىن ئىبارەت. بۇ قېتىم ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 7.1 بال يەر تەۋرەش جەنۇبىي تىيانشان يەر تەۋرەش بەلبېغىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، جەنۇبىي تىيانشان يەر تەۋرەش بەلبېغى شىنجاڭدىكى ئاساسلىق كۈچلۈك يەر تەۋرەش بەلبېغىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.