تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇچتۇرپاندا يەر تەۋرەپ 48 سائەت ئىچىدە

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

1 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى سائەت 2دىن 9 مىنۇت ئۆتكەن چاغ. شىمالىي كەڭلىك 41.26 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.63 گىرادۇس. شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ قىرغىز يېزىسى. تەۋرەش دەرىجىسى 7.1 بال، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 22 كىلومېتىر. قەھرىتان سوغۇقتا يەر ـ جاھان تەۋرىدى، بىر مەيدان كۈچلۈك يەر تەۋرەش جەنۇبىي شىنجاڭغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى.

خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق رەھبىرىي يولداشلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى ھەم ئاپەتكە ئۇچرىغان بىرىنچى سەپكە دەرھال يېتىپ بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا ـ بازار، ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاپەت ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلدى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ۋە قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش خادىملىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

يەر تەۋرەش يۈزبەرگەندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىدا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى تەرەپلەر كۈچى تېز سۈرئەتتە يىغىلىپ، بىرمۇبىر ئىزدەپ قۇتقۇزۇش، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش، ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى جىددىي رېمونت قىلىش، قالدۇق يەر تەۋرەش، تۆۋەن تېمپېراتۇرا قاتارلىق ئىككىلەمچى ئاپەتلەرنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندى... 48 سائەت ئىچىدە، قول تۇتۇشۇپ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر كۆرۈنۈشلەر چوڭقۇر جىلغا، ئېگىز تاغلار ئارىسىدىكى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، مېھىر ـ مۇھەببەتكە تولغان قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنى نامايان قىلدى.

قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشتە ۋاقىت بىلەن بەسلەشتى

«يەر تەۋرىدى، تېز چۈشۈڭلار!»

تەۋرەش مەركىزىگە ئەڭ يېقىن بولغان ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ شەھەر ئايلانما يولى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش پونكىتىدا، پونكىت باشلىقى چېن شۇەي يەر تەۋرىگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ توۋلىغاندا، سائەت دەل 2دىن 9 مىنۇت ئۆتكەنىدى، پونكىتتىكى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش خادىملىرى تېزلىكتە بىنادىن چۈشكەندىن كېيىن، پۈتۈن بىنادا توك، تور ئۈزۈلۈپ قېلىپ، كۆزىتىش ئاپپاراتىدىكى كۆرۈنۈش سائەت 2دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە توختاپ قالدى.

پۇتى يەرگە تىگە ـ تەگمەيلا، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش خادىملىرى تەۋرىنىپ تۇرغان بىناغا يەنە ئېتىلىپ كىرىپ، جابدۇق ئۆيىنىڭ يۆگىمە ئىشىكىنى قول ۋە مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ ئاچتى. يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش بويىچە ئالدىن ئەۋەتىلىدىغان ئەترەت 10 مىنۇتتا كىيىنىپ، 30 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى جابدۇق ـ ئۈسكۈنىلەرنى يۈدۈپ يولغا چىقتى.

ئاپەتنىڭ ئۆزى بۇيرۇق. ئاپتونوم رايون دەرھال يەر تەۋرەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە 2 ـ دەرىجىلىك ئىنكاس قايتۇرۇش لايىھەسىنى قوزغىتىپ، ئۇچتۇرپاندىكى 7.1 بال يەر تەۋرەش بويىچە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش نەق مەيدان قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

سائەت 2دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم كۆپلىگەن كۈچنى ئاپەت رايونىغا ئاتلىنىشقا ئەۋەتتى؛

سائەت 3لەردە، شىنجاڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئىككى ئېغىر تىپلىق جابدۇقلار ئەترىتى، ئالتە يېنىك تىپلىق جابدۇقلار ئەترىتى، سەككىز زاپاس ئەترەتتىكى جەمئىي 182 ئاپتوموبىل، 800 ئادەم، 32 ئاپشاركىنى تېز سۈرئەتتە توپلىدى، ئۇلار 29 مىڭ 156 دانە (يۈرۈش) ئۈسكۈنە ـ جابدۇقنى ئېلىپ گازارمىدا بۇيرۇق كۈتۈپ، ياردەم بېرىش تەييارلىقىنى ھەرۋاقىت ياخشى ئىشلىدى؛

سائەت 5لەردە، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا، شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش باش ئەترىتى، ئاپتونوم رايونلۇق كان جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش باش ئەترىتى، شىنجاڭ ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى قاتارلىق كۆپلىگەن قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش قوشۇنى يىغىلىپ يولغا چىقتى؛

سائەت 6لەردە، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش قوشۇنى ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرى، بىر يېزا، بەش كەنتتىكى 120 ئائىلىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، 90 ئاممىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، 36 قېتىم خەتەرنى ۋە توسالغۇنى تۈگەتتى؛

سائەت 19دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇچتۇرپاندىكى 7.1 بال يەر تەۋرەش بويىچە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش نەق مەيدان قوماندانلىق ئىشتابى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مۇنداق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى: «ھازىرغا قەدەر يەر تەۋرەشتە ئۈچ ئادەم بەختسىزلىككە ئۇچرىدى، بەش ئادەم يارىلاندى، يەر تەۋرەشتىن كېيىن 12 مىڭ 426 ئادەم يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى»...

ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش ھەممىدىن مۇھىم. ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجە دەرھال خادىملارنى ئاپەت يۈزبەرگەن رايونغا كىرىپ، تور يېيىش شەكلىدە ئادەم ئىزدەش ـ قۇتقۇزۇش، بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئاپەت ئەھۋالى ۋە ئاممىنىڭ ئۆلۈش ـ يارىلىنىش ئەھۋالىنى دەل جايىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى. ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىمۇ كۈچ تەشكىللەپ، ئۆي، سۇ، توك، پار بىلەن تەمىنلەش، ماي، گاز توشۇش، كان، خەۋەرلىشىش، يول، كۆۋرۈك، مەكتەپ، كارخانىلارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، ئاپەت ئەھۋالى ۋە ئاممىنىڭ ئۆلۈش ـ يارىلىنىش ئەھۋالىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى.

خەتەرلىك پەيتتە مەسئۇلىيەتچانلىق نامايان قىلىندى. شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش باش ئەترىتى، شىنجاڭ ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى تېز سۈرئەتتە تۈرلۈك قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش كۈچلىرىنى يەر تەۋرىگەن رايونغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى، ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق كان جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش باش ئەترىتى تېز سۈرئەتتە كۈچلەرنى يەر تەۋرىگەن رايونغا دەرھال يېتىپ بېرىپ خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى...

يەر تەۋرىگەن رايوندىكى ئامما يان تېلېفون چىرىغىنىڭ ئاجىز نۇرىدا پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى، گۇڭئەن خەلق ساقچىلىرى، دوختۇر ـ سېسترالار، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىشچىلىرى... قاتارلىق قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش كۈچلىرىنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جايغا جىددىي كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

ئاقچى ناھىيەسىنىڭ قۇلانساراق يېزىسى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى 7.1 بال يەر تەۋرەش مەركىزىگە ئەڭ يېقىن يېزا بولۇپ، ئارىلىقى 20 نەچچە كىلومېتىرلا كېلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي ئاقچى ناھىيەسىدە 5.7 بال يەر تەۋرىدى، قۇلانساراق يېزىسى يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئەتراپىدىكى 10 كىلومېتىر دائىرىدە ئىدى.

يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاراچاپ چارۋىچىلىق نۇقتىسىدا يەر تەۋرەش يۈزبەرگەندە چارۋىچى ئاسانباي تابالدى قاتتىق ئۇخلاۋاتقان بولۇپ، كۈچلۈك تەۋرىنىشتىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى، ئۇنىڭ تۇنجى ئىنكاسى دەرھال قويلىرىغا قاراپ بېقىش بولدى. ئۇ تېز سۈرئەتتە ئۆيىدىن ئېتىلىپ چىقىپ قوتانغا يۈگۈرۈپ بارغاندا، قوتاننىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى كۆردى، ئۇنىڭ قويلىرى تاش ـ كېسەكلەر ئاستىدا قاپسىلىپ قالغانىدى.

ئاسانباينىڭ كۆڭلى بىردىنلا ئىنتايىن يېرىم بولدى، بۇ قويلار ئۇنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۈمىدى ئىدى. ئۇ ئۈمىدسىزلىنىۋاتقان پەيتتە، يېزا، كەنت ئىككى دەرىجىلىك كادىرلاردىن تەشكىللەنگەن «ئاپەت رايونىدىكى قوي ـ كالىلارنى قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ئەترىتى» ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى، «ھېلىمۇ ياخشى يېزا كادىرلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ـ قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش خادىملىرى بار ئىكەن، ئۇلار قېزىش ماشىنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئىككى سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، قويلىرىمنى قۇتقۇزۇپ چىقىپ، تاغ ئېتىكىگە يۆتكەپ ئاپىرىپ بەردى».

قۇلانساراق يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قوراللىق بۆلۈمنىڭ بۆلۈم باشلىقى داڭ يۇڭمىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: قۇلانساراق يېزىسىدا جەمئىي ئۈچ كەنت، 1080 ئائىلىلىك دېھقان ـ چارۋىچى بار، چارۋىچىلىق نۇقتىلىرىدىكى بىر قىسىم ئۆزى سېلىۋالغان ئۆيلەر ۋە قوتانلارنىڭ قورشاۋ تاملىرى يېرىلىش، ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلدى، كۆپ ساندىكى تۇرالغۇ ئۆيلەر ئۆرۈلمىدى.

«قاراڭ، بىزنىڭ ئۆيىمىز يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي، ناھايىتى مۇستەھكەم.» كەنت ئاھالىسى مەمەتئېلى توختى مۇنداق دېدى: يەر تەۋرەش سەھەردە يۈزبەردى، كېچىدە سەل قورقۇپ، ھويلىدا ئوت قالىدۇق، كۆپچىلىك ئۆزئارا ياردەم بېرىشتۇق، ناھايىتى تېزلا كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كۆڭلىمىز جايىغا چۈشتى.

كاپالەتلەندۈرۈشتە ھەممە ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە كەلدى

1 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى چۈشتە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يامانسۇ قىرغىز يېزىسى يۇقارقى يامانسۇ كەنتىدىكى ئاھالىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا دېرىزىدىن قۇياش نۇرى ياشانغانلار ۋە بالىلارغا چۈشۈپ تۇراتتى.

يەر تەۋرەش يۈزبەرگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى بۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش، پار بىلەن تەمىنلەش 24 سائەت ئۈزۈلۈپ قالمىدى، ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرى ئارقا ـ ئارقىدىن يەتكۈزۈلدى، تېببىي خادىملار كۆپچىلىكنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت سۈرۈشتۈردى، تازىلىق ئىشچىلىرى توختىماي يەر سۈرتتى، يۇيۇپ دېزىنفېكسىيەلىدى، ئاشپەز ئۇستام ھويلىدا چوڭ قازان ئېسىپ مەززىلىك تاماقلارنى ئەتتى.

تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كاپالەت ئىقتىدارىنى سىنايدۇ.

يارىدارلارنى داۋالاش پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇلدى. دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى جىددىي ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ئەترىتى تېزدىن يىغىلىپ يولغا چىقتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى شۇ جايدىكى دوختۇرلارنىڭ دىياگنوز قويۇش ـ داۋالاشنى قانات يايدۇرۇشىغا يىراقتىن يېتەكچىلىك قىلدى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستىمۇ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا داۋالاش كۈچلىرىنى يەر تەۋرىگەن رايونغا دەرھال بېرىپ تېببىي قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىنىڭ كەيپىياتىنى تىنچلاندۇرۇش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللىدى.

ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى جىددىي يۆتكەلدى. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى 22 مىڭدىن ئارتۇق پاختىلىق چېدىر، مەش، پاختىلىق كىيىم قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى ئاجرىتىپ ئايروپىلان بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە يەتكۈزۈپ بەردى، ئاپتونوم رايون ئاقسۇ ۋىلايىتىگە پاختىلىق چېدىر، قاتلىنىدىغان كارىۋات، پاختىلىق يوتقان، پاختىلىق كۆرپە ۋە پاختىلىق جۇۋا ئاجراتتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى تۈرلۈك ماددىي ئەشيادىن جەمئىي 77 مىڭ 411نى ئاجراتتى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ يەيدىغان تامىقى، ئىچىدىغان قايناق سۈيى، كىيىدىغان كىيىمى، بىخەتەر ۋاقىتلىق تۇرالغۇسى، كېسەل كۆرسىتىدىغان ئورنى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە توك توختاپ قالغان لىنىيەلەرنى چوقۇم تېزدىن تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش كېرەك، ئاپەت رايونىدىكى ئامما كېچىنى قاراڭغۇدا ئۆتكۈزسە بولمايدۇ!» دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇيرۇقى ھەربىر جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەتەردىن قۇتقۇزۇش بەن ـ گۇرۇپپىسىغا تېز يەتكۈزۈلدى، يەر تەۋرىگەن رايوندىكى نەق مەيدان ئەھۋالىغا دىققەت قىلىندى، ئېلېكتىر تورى ئۈسكۈنىلىرىنى نازارەت قىلىش يەنىمۇ كۈچەيتىلدى، توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش، تەقسىملەش ئۈسكۈنىلىرىنى ئالاھىدە چارلاش، ئالاھىدە ئاسراش كۈچەيتىلدى... دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوننى توك بىلەن تەمىنلەش ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كەلدى.

يەر تەۋرەش تۈپەيلىدىن S306 لىنىيەسىدە قاتناش توسالغۇغا ئۇچرىدى. يولنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاتۇش تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاقچى شۆبە ئىدارىسى دەرھال خادىم ۋە ئۈسكۈنىلەرنى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن نەق مەيدانغا تېزدىن ئەۋەتتى. يول ئۇلى، يول يۈزى، كۆۋرۈك، سۈڭگۈچ، تونېل، لىنىيە بويىدىكى ئەسلىھەلەر... خىزمەتچى خادىملار قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ئۈمىدى يۈكلەنگەن قاتناش لىنىيەسىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرقانداق نۇقتىنى بوش قويمىدى.

7.1 بال يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندە، نۇرغۇن ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرى تېلېفون ئارقىلىق ئاپەت رايونىدىكى تۇغقانلىرىدىن ئەھۋال سورايدىغان بولغاچقا، خەۋەرلىشىش تورىنىڭ راۋان بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. شىنجاڭدىكى خەۋەرلىشىش ساھەسى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش خادىمىدىن جەمئىي 216نى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش كاپالەت ئاپتوموبىلىدىن جەمئىي 61نى ئىشقا سېلىپ، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت تىرىكىنى قوزغىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ناھىيە، رايونلاردىكى يان تېلېفون ئابۇنىچىلىرىغا قارىتا يان تېلېفوننى توختاتماسلىق مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى.

48 سائەت ئىچىدە، ئىللىقلىق ئارقا ـ ئارقىدىن يەتكۈزۈلدى: خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش پۇلىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىپ، يەر تەۋرىگەن رايوندىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ياخشى كاپالەتلەندۈردى؛ دۆلەت ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە ئاۋىياتسىيە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش كاپالەت مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت كۈچى بايلىقىنى جىددىي يۆتكەپ ئىشلىتىپ، ئاپەت رايونىغا 1000 يەشىك ئىسسىنىش ئۈسكۈنىسى يەتكۈزۈپ بەردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خادىملىرى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئىشچى ـ خىزمەتچى ئامما قاتارلىق كىشىلەر توپىدىن ھال سوراشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن تۇنجى تۈركۈمدە 1 مىليون يۈەن ئاجراتتى، جۇڭگو نېفىتى تىرانسپورت چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تەقسىملەپ يەتكۈزۈش شۆبە شىركىتى ئاقسۇ تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مەركىزى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە ھەم تەۋرەش مەركىزى ئەتراپىدىكى ناھىيە، شەھەرلەرگە 1000 توننىغا يېقىن بېنزىن، دىزېلنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بەردى...

«يۇقارقى يامانسۇ كەنتىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى بىزنىڭ ۋاقىتلىق ئۆيىمىز، يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ بىز ۋاقتىنچە ئۆيگە قايتالمىدۇق، لېكىن بۇ يەردە ناھايىتى خاتىرجەم تۇرۇۋاتىمىز، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھەم پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت» دېدى يۇقارقى يامانسۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نەبىجان تۇرسۇن.

ئىللىقلىق ئەتراپنى قاپلىدى

ئاشپەز گۈرۈلدەپ ئوت كۆيۈۋاتقان ئوچاققا ئېسىلغان چوڭ قازاندا كەپكۈر بىلەن تۈرلۈك خۇرۇجلارنى ئەپچىللىك بىلەن قورۇغاندىن كېيىن گۈرۈچنى سېلىپ، تۇۋاقنى يېپىپ دۈملەپ قويدى. يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبېرىپ 12 سائەتتىن كېيىن، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ قىرغىز يېزىسىنىڭ قاراسۇ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىسسىق ھورى ئۆرلەپ تۇرغان چۈشلۈك تامىقى تەييار بولدى. شۇ جايدىكى كادىرلار يەرلىكتىكى كىشىلەر ئادەتلەنگەن بۇ خىل پولۇ ئېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى سوغۇق ھاۋادا مەززىلىك تاماق يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئىسسىق ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان تاماق كىشىلەر قەلبىنى ھەممىدىن بەك ئىللىتتى. يەر تەۋرەش يۈزبېرىپ تۇنجى كۈنى، قاراسۇ كەنتىدىكى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، كەنت كادىرلىرى خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرگەن ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يۆتكىگەندىن باشقا، يەنە يېتەرلىك يېمەكلىك ماتېرىيالى سېتىۋېلىپ، قاچا ـ قۇچا، قازان ـ قومۇچلارنى ئالدىن تەييارلاپ، نەق مەيداندا پولۇ ئېتىپ، ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا ئەمدىلا كەلگەن ئاممىنى مەززىلىك چۈشلۈك تاماق يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«پۇتلىرىم بوشىشىپ، يۈرىكىم سېلىپ كەتتى، بالىنى كۆتۈرۈپلا سىرتقا قاراپ يۈگۈردۈم» دېدى شۇ جايدا يەر تەۋرەشنى بىۋاسىتە باشتىن كەچۈرگەن تورداش ئەنسىزلىككە چۆمگەن شۇ پەيتنى ئەسلەپ. نەچچە ئون سېكۇنت داۋاملاشقان يەر ـ جاھاننىڭ تەۋرىنىشى كىشىنى تەبىئىيلا ۋەھىمىگە سالىدۇ. كۆپ ئويلاشقا قىلچە ئۈلگۈرمىگەن ئاشۇ جىددىي پەيتتە، يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن تەۋرىنىپ تۇرغان بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەردە كىشىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغان دەقىقىلەر خاتىرىلەندى.

پويىز ئىستانسىسىنىڭ پويىز كۈتۈش زالىدا، جاي ـ جايلارغا بارىدىغان نۇرغۇن يولۇچىلار بەخىرامان ئولتۇراتتى. تۇيۇقسىز يەر تەۋرەپ كەتتى، يۈك ـ تاقلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان يولۇچىلار ئالاقزادىلىك ئىچىدە قالدى، شىنجاڭ تۆمۈريولى ئاقسۇ ۋوگزالىنىڭ يولۇچى توشۇش خادىمى ۋېي پىڭپىڭ كىشىلەر ئېقىمىغا قارشى يۆنىلىشتە ئۇچقاندەك يۈگۈردى، «شۇ چاغدا كۆپچىلىكنى بىخەتەر جايغا تارقاقلاشتۇرۇشنى، ھېچقانداق خەتەرنىڭ يۈزبەرمەسلىكىنىلا ئويلىدىم».

كوچىدىكى ئاشخانىدا، بىرنەچچە خېرىدار ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ غىزالانغاچ پاراڭلىشىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز تورۇستىكى ئاسما چىراغ پۇلاڭلاشقا باشلىدى، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ بولغان ئاشخانا لوبىنى كەينىگە بۇرۇلۇپ ئاشخانا ئىچىگە ئېتىلىپ كىرىپ، بىرنەچچە خېرىدارنى تارتقىنىچە سىرتقا قاراپ يۈگۈردى. تورداشلار ئاقسۇ شەھىرىدىكى بۇ ئاشخانا ئىگىسىنى بەس ـ بەستە ماختاپ مۇنداق دېدى: «خەتەرلىك پەيتتە كىشىلەرنىڭ تەبىئىتىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن، بۇ ئاكىمىز ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتىمىز».

دوختۇرخانىنىڭ ئوپېراتسىيە ئۆيىدە، باش سۆڭىكىنى ئېچىش ئوپېراتسىيەسى قىلىنىۋاتاتتى. «ئەينى چاغدا ئوپېراتسىيە ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەن بولۇپ، ۋاقىت قانچە كەينىگە سۈرۈلگەنسېرى، ئاغرىق شۇنچە خەتەر ئىچىدە قالاتتى.» ئالاقزادىلىككە تولغان ئاشۇ كېچىدە، جېجياڭ داشۆ قارىمىقىدىكى شاۋيىفۇ دوختۇرخانىسى ئارال دوختۇرخانىسىنىڭ ئوپېراتسىيە ئۆيىدە، ئەن شۇفاڭ ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئاغرىقنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئۈمىد بېغىشلىدى.

ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىدە، كۆپچىلىكنى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ھەقسىز قان تەقدىم قىلىشقا ئۈندەش توغرىسىدىكى تەشەببۇسنامە تارقىتىلدى. ئاتۇش شەھىرى، قەشقەر شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى ئامما چاقىرىققا بەس ـ بەستە ئاۋاز قوشتى، يېرىم كۈن ئىچىدىلا، 120دىن ئارتۇق كىشى ھەقسىز قان تەقدىم قىلدى، ئېلىنغان قان 40 مىڭ مىللىلېتىردىن ئاشتى، بۇ «ئاپەتكە ئۇچراپ يارىلانغان ئاممىنى قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش ئېھتىياجى» ئۈچۈن ئىدى.

يەر تەۋرىگىنىگە 48 سائەت بولاي دېدى، كەچ كىرگەندە، ئاقچى ناھىيە بازىرىدا سوغۇق سۆڭەكتىن ئۆتسىمۇ، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى چېدىرنىڭ ئىچى ئىللىقلىققا تولغاندى. توققۇز ياشلىق ئايىمنار مەمەتغازى يوتقاندىن بېشىنى چىقىرىپ يېنىدىكى دوستلىرى بىلەن ئويناۋاتاتتى. يەرتەۋرەش يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاتا ـ ئانىسى ئۇنى ئېلىپ مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كەلگەنىدى، بۇ يەردە يەيدىغان تاماق بار، يەنە باباۋجوۋ تارقىتىلاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە قورسىقىمىزنىڭ ئاچ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەيمىز.

(مۇخبىر شۈ چىڭگۇاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار ليۇ يى، جاڭ جىلى، ليۇ مېڭمېڭ، سۇڭ ۋېيگو، جاڭ بېي، گو لىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.