تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېڭى كەيپىيات ئەۋج ئالماقتا

ئاقچى ناھىيەسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنى «پىدائىي قىزىللىرى» بىر ئالدى

   ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ

   بىر چۈشتىن بۇرۇن ئالدىراش بولغان پىدائىي دېڭ جيې بېشىنى ئۈستەلگە قويۇپ، ئون مىنۇتچە مۈگدىۋالغاندىن كېيىن، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۆز-ئۆزىگە «چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دېگەن ئىشارەتنى قىلىپ مەدەت بەردى، ھارغىن چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى: «تۈنۈگۈن ئاخشام ئىككى سائەتتىن كۆپرەكلا ئۇخلاپتىمەن، بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 7دىن ھازىرغىچە ئالدىراش بولدۇم، بەش ئاپتوموبىل ماددىي ئەشيا چۈشۈردۇق.» ئۇ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقىپ، يېڭى بىر تۈركۈم يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى داۋاملىق يۆتكىدى.

 ​ 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئاقچى ناھىيەلىك پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، 50 نەچچە ياش پىدائىي موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. ئۇلار قىزىل جىلىتكە كىيگەن، مەيدىسىگە قىپقىزىل يۈرەك شەكلى بېسىلغان، دۈمبىسىگە «قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ياش پىدائىيلار» دېگەن خەتلەر يېزىلغان بولۇپ، دېڭ جيې شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.

قىزىل جىلىتكە كىيىۋالغان پىدائىيلار ماددىي ئەشيالارنى توشۇماقتا.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ فوتوسى

   ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە يەر تەۋرىگەندىن بۇيان، بۇ «پىدائىي قىزىللىرى» ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنى بىر ئالدى. ئۇلار ئوخشاش بولمىغان مەكتەپتىن كەلگەن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى، يېزا-بازار كادىرلىرى بولۇپ، ئۇلار ماددىي ئەشيا تارقاتتى، تەرتىپ ساقلىدى، بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ ئويۇن ئوينىدى ... قەيەر ئېھتىياجلىق بولسا، ئۇلار شۇ يەردە پەيدا بولدى.

   «پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇ يەرگە نۇرغۇن ئاپتوموبىلدا توشۇپ كېلىنگەن ماددىي ئەشيالارنى كۆرۈپ ناھايىتى تەسىرلەندىم.» 2001-يىلى تۇغۇلغان پىدائىي دۇڭ خاۋرەننىڭ دېيىشىچە، 1-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 2دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىگەندە، ئائىلىدىكىلىرى كۈچلۈك سىلكىنىشتىن چۆچۈپ ئويغىنىپ، دەرھال ئىشىك ئالدىدىكى بوش يەرگە يۈگۈرۈپ چىقىۋالغان. دۇڭ خاۋرەن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، يېزىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كېلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

پىدائىيلار ماددىي ئەشيالارنى توشۇماقتا.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ فوتوسى

    ئاقچى ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى نىڭ لىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھەر مىللەت ياش پىدائىيلار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە ئاتلانغان، «پىدائىيلارنىڭ كۆپىنچىسى <2000-يىللاردا تۇغۇلغان> داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، ئاساسلىقى ماددىي ئەشيالارنى توشۇش، تارقىتىش، تەرتىپ ساقلاش قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولدى، بالىلارنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى».

    ئۇدا داۋاملاشقان يۇقىرى سىجىللىقتىكى پىدائىيلار مۇلازىمىتىدە، دۇڭ خاۋرەننىڭ كۆزلىرى باشقا پىدائىيلارغا ئوخشاش قىزىرىپ ئىششىپ، ئۈنى پۈتۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئازراقمۇ جاپا ھېس قىلمىدى. «ھەقىقىي بەختلىك ئادەم بىر دەستە يورۇق نۇرغا ئوخشاش باشقىلارنى يورۇتىدۇ. مەن يۇرتۇمنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىمەن، بۇ قېتىمقى ئالاھىدە كەچۈرمىش ماڭا مۇھەببەتنى، مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلدۇردى، ھەمدە بۇ خىل ھېسسىيات ئىچىدە تېخىمۇ چىدامچان بولۇپ يېتىلدىم، قەدىرلەش ۋە مىننەتدارلىقنى تېخىمۇ چۈشەندىم» دۇڭ خاۋرەن مۇنداق دېدى: ئەگەر ياشلىقنىڭ رەڭگى بولسا، ئۇ چوقۇم «پىدائىي قىزىلى»!

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.