تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇچتۇرپاندىكى 7.1 بال يەر تەۋرەشتە ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش كۆرۈلمىدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۇچتۇرپان، 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئۇچتۇرپاندىكى 7.1 بال يەر تەۋرەش توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە ئېچىلدى. مۇخبىرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش دەرىجىسى بىرقەدەر چوڭ بولسىمۇ، لېكىن ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش كۆرۈلمىگەن.

1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سائەت 2دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش مەركىزى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يامانسۇ قىرغىز يېزىسى تەۋەسىدە بولۇپ، ئېگىز تاغلىق رايونغا تەۋە، تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئەتراپىدىكى بەش كىلومېتىر دائىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى تەخمىنەن 3048 مېتىر. ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتىدە بىردەك كۈچلۈك تەۋرەش سېزىمى بولدى. ھازىرغىچە، يەر تەۋرەشتە جەمئىي ئۈچ ئادەم بەختسىزلىككە ئۇچرىدى، بەش ئادەم يارىلاندى، 12 مىڭ 426 ئادەم يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئېغىر دەرىجىدىكى ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش كۆرۈلمەسلىكىدە ئاساسلىقى ئۈچ جەھەتتىكى سەۋەب بار: بىرىنچى، تەۋرەش مەركىزىي رايونىدا نوپۇس شالاڭ؛ ئىككىنچى، يەر تەۋرىگەن رايوندىكى ئاھالىلەر تۇرۇۋاتقان ئەمىن ئۆيلەرنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش سەۋىيەسى بىرقەدەر يۇقىرى؛ ئۈچىنچى، تۈرلۈك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتى ئۈنۈملۈك، تېز قانات يايدۇرۇلدى.

«بولۇپمۇ يەر تەۋرىگەن رايوندىكى ئاھالىلەر تۇرالغۇسىنىڭ زىيانغا ئۇچراش دەرىجىسى بىرقەدەر يېنىك بولۇپ، كېيىنكى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە ياخشى شارائىت يارىتىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتىنىڭ نازىرى جالىن نۇرخامىت مۇنداق تونۇشتۇردى: يەر تەۋرەش يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوندىكى مەسئۇل رەھبەرلەر ئالاقىدار تارماقلاردىكىلەرنى باشلاپ يەر تەۋرىگەن رايونغا دەرھال كېلىپ، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇردى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون دەرھال يەر تەۋرەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە 2 - دەرىجىلىك ئىنكاس قايتۇرۇش لايىھەسىنى قوزغىتىپ، ئۇچتۇرپاندىكى 7.1 بال يەر تەۋرەش بويىچە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش نەق مەيدان قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش نەق مەيدان قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجە خادىملارنى تەشكىللەپ، ئاپەت يۈزبەرگەن رايونغا كىرىپ، تور يېيىش شەكلىدە ئادەم ئىزدەش - قۇتقۇزۇش، بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپەت ئەھۋالى ۋە ئاممىنىڭ ئۆلۈش - يارىلىنىش ئەھۋالىنى دەل جايىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتى شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش باش ئەترىتى، شىنجاڭ ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتىنى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇپ، تېزدىن تۈرلۈك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچلىرىنى يەر تەۋرىگەن رايونغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى، ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسى خىزمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، يەر تەۋرىگەن رايونغا دەرھال كېلىپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى ھەمدە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىمۇ كۈچ ئەۋەتىپ قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، قوماندانلىق ئىشتابى كەسپىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچلىرى ھەم جەمئىيەتتىكى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچلىرىنى يەر تەۋرىگەن رايونغا كىرىپ، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇردى. يەر تەۋرىگەن رايوندىكى ئاممىنى يۆتكەشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، خەتەرلىك ئىمارەت، خەتەرلىك رايوندىكى ئاممىنىڭ ھەممىسىنى بىخەتەر جايغا يۆتكەشكە تەشكىللەپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈزبەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى 22 مىڭدىن ئارتۇق پاختىلىق چېدىر، مەش، پاختىلىق كىيىم قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى ئايروپىلان بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە يەتكۈزدى. ئاپتونوم رايون ئاقسۇ ۋىلايىتىگە 2000 پاختىلىق چېدىر، 5000 قاتلىنىدىغان كارىۋات، 5000 پاختىلىق يوتقان، 5000 پاختىلىق كۆرپە ۋە 5000 پاختىلىق جۇۋا ئاجرىتىپ بەردى. ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى تۈرلۈك ماددىي ئەشيادىن جەمئىي 77 مىڭ 411نى ئاجراتتى. ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ چېدىر تىكىپ، ئاممىنىڭ بىخەتەر يۆتكىلىش ئاساسىي ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى.

يارىلانغان ئاممىنى مۇۋاپىق قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئۈچۈن، دۆلەت (شىنجاڭ) جىددىي تېببىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەترىتى ۋە دۆلەت (شىنجاڭ) تاسادىپىي جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەترىتى يەر تەۋرىگەن رايونغا باردى. ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستىمۇ ئايرىم - ئايرىم ھالدا داۋالاش كۈچلىرىنى يەر تەۋرىگەن رايونغا دەرھال بېرىپ تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىنىڭ كەيپىياتىنى تىنچلاندۇرۇش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى.

ھازىر، يۆتكىلىپ خەتەردىن ساقلىنىدىغان ئامما مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يەر تەۋرىگەن رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلمەكتە. ھەرقايسى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئورۇنلىرى يول، كۆۋرۈك، سۇ ئامبىرى قاتارلىق مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، قاپسىلىپ قالغانلارنى خەتەردىن ساقلىنىش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ماددىي ئەشيا تەمىناتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشتىكى كېيىنكى خىزمەتلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدە ياخشى ئىشلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.