تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

پوسكام ناھىيەسىدە: تاتلىق شېكەر قومۇشلىرى مول ھوسۇل بېرىش ئالدىدا تۇرماقتا

   10ـ ئاينىڭ 9ـ كۈنى، پوسكام ناھىيەسىنىڭ ئايكۆل يېزىسى ئىتتىپاق كەنتىدىكى ئەگمە پارنىكتا، بوغۇملىرى ئۇزۇن، توم شېكەر قومۇشلىرى تۈپتۈز ئۆسكەن بولۇپ، ئەتراپنى شېكەر قومۇشىنىڭ سۇس تاتلىق ھىدى قاپلىغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئايكۆل يېزىسى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېرىشنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ خۇاشيەن)

    شېكەر قومۇشى ئۆستۈرگۈچىلەر شېكەر قومۇشىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. نۆۋەتتە، سىناق تەرىقىسىدە تېرىلغان بۇ شېكەر قومۇشلار قەنت مىقدارى جۇغلىنىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، قىروۋ چۈشۈكى مەۋسۇمىدىن كېيىن بازارغا سېلىنىدىكەن.

مول ھوسۇل ئېلىنىش ئالدىدا تۇرغان شېكەر قومۇشنى كۆرۈپ، دېھقانلارنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • پورت تاشيولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە
  • شىنجاڭلىق ئوماق بالىلار تەڭپۇڭ چاق مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئۆزىنى نامايان قىلدى
  • تۇرپان يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە باشلامچى بولدى