تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۇچۇڭ جامبۇلاق ئايرودۇرۇمىنىڭ قاتناشقا بولىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېلان قىلىندى!

7-ئاينىڭ 14-كۈنى

سانجى ئوبلاستى ساياھەتچىلىكىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش

ۋە جامبۇلاق ئايرودۇرۇمىدا قاتناش باشلاش كېلىشىمى ئىمزالاش يىغىنى

گۇچۇڭ ناھىيەسى جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ

گۇەيپو مەيدانىدا ئېچىلدى

يىغىندا

سانجى ئوبلاستى شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى بىلەن

«ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى» ئىمزالىدى

شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى

گۇچۇڭ جامبۇلاق ئايرودۇرۇمىنىڭ قاتناشقا بولىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېلان قىلدى

سانجى ئوبلاستى شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى بىلەن «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى» ئىمزالىدى.

سانجى ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى خې لۇڭ فوتوسى


قاتناش باشلانغاندىن كېيىن

گۇچۇڭ جامبۇلاق ئايرودۇرۇمىدا

فۇجوۋ-جېڭجوۋ-گۇچۇڭ

چېڭدۇ-لەنجوۋ-گۇچۇڭدىن ئىبارەت

ئىككى شىنجاڭ سىرتى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىدۇ

گۇچۇڭدىن ئاقسۇ، كورلا

قەشقەر، غۇلجىغىچە بولغان

تۆت شىنجاڭ ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىدۇ

گۇچۇڭ جامبۇلاق ئايرودۇرۇمى (ماتېرىيال سۈرەت).

لى شياڭ فوتوسى


گۇچۇڭ جامبۇلاق ئايرودۇرۇمى

گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىبېيۋەن بازىرىغا جايلاشقان

ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 15.7 كىلومېتىر كېلىدۇ

مۆلچەرلىنىشىچە 8-ئاينىڭ 8-كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن

بۇ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تۇنجى پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى

شۇنداقلا شىنجاڭدىكى يولۇچى توشۇش مىقدارى 500 مىڭ ئادەمدىن تۆۋەن بولغان تۇنجى 

كارىدورلۇق ئۆتۈشمە يول قۇرۇلغان تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى ھىسابلىنىدۇ

گۇچۇڭ جامبۇلاق ئايرودۇرۇمى (ماتېرىيال سۈرەت).

مەنبە: گۇچۇڭ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى


بۇ ئايرودۇرۇم

ئاپتونوم رايون، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسىنىڭ

«14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ

ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 2568.9 مو كېلىدۇ

2022-يىلى 3-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان

2024-يىلى 5-ئايدا ساھەلەر بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتى تاماملانغان

نۆۋەتتە تىك لىنىيەلىك سىيرىلىپ ئۇچۇش ئالاقە يولىدىن ئىككىسى

ۋە C تۈردىكى ئايروپىلان ئۇچۇش-قونۇش ئورنىدىن يەتتىسى بار


«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.