تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭلىق ئوماق بالىلار تەڭپۇڭ چاق مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئۆزىنى نامايان قىلدى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ پېڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى) 7-ئاينىڭ 14-كۈنى، بىر مەيدان ئۆزگىچە بالىلار تەڭپۇڭ چاق مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى شەنشەن 
ئوۋتلېتس مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىن كەلگەن 80دىن ئارتۇق كىچىك ماھىر كەسپىي قوغدىنىش جابدۇقلىرىنى كىيىپ، مۇسابىقە يولىدا پۇخادىن چىققۇچە ئوينىدى.
    ئىگىلىنىشىچە، بالىلار تەڭپۇڭ چاق مۇسابىقىسى 2017-يىلى دۆلىتىمىزگە رەسمىي كىرگەن بولۇپ، ھازىر شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ قانات يايدۇرۇلغان. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ شىنجاڭ ۋۇجياۋشىڭ بالىلار تەڭپۇڭ چاق كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى لو يۈەنيۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تېز سۈرئەتتە بەسلىشىش مۇسابىقىسى بالىلارنىڭ يازلىق تەتىللىك تۇرمۇشىنى بېيىتىشنى مەقسەت قىلغان، شۇنداقلا بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساپاسىنى بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك چېنىقتۇرۇش ۋە ئۆستۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. مۇسابىقە ئارقىلىق بالىلارنىڭ بەدەن ئىقتىدارى ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىپ، كوللېكتىپ ھەمكارلىشىش ۋە ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلىش روھى يېتىلدۈرۈلىدۇ.

كىچىك ماھىرلار مۇسابىقىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىشقا تىرىشماقتا.

كىچىك ماھىرلار مۇسابىقىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىشقا تىرىشماقتا.

بىر كىچىك ماھىر ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ باردى.

كىچىك ماھىرلار مۇسابىقىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىشقا تىرىشماقتا.

كىچىك ماھىرلار مۇسابىقىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىشقا تىرىشماقتا.

Wكىچىك ماھىرلار مۇسابىقىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىشقا تىرىشماقتا.

مۇسابىقە نۇرغۇن تاماشىبىننى كېلىپ مۇسابىقىنى كۆرۈپ مەدەت بېرىشكە جەلپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.