تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

تۇرپان يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە باشلامچى بولدى

 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، بىر تاكسى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يېڭىشەھەر بۆلەك رايونى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىنىڭ كوچىسىدىن ئۆتمەكتە.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يېڭىشەھەر بۆلەك رايونى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، «ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش» ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، 1-، 2-، 3-كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدۈردى، يېزا-كەنتلەرنىڭ قىياپىتى كۈندىن-كۈنگە يېڭىلىنىپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ، يىراق-يېقىنغا داڭلىق «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك كەنت»كە ئايلاندى. 2023-يىلى كەنتتىكىلەرنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 23 مىڭ يۈەنگە يەتتى، كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

 7-ئاينىڭ 11-كۈنى، قوغۇن قاچىلانغان سوغۇق زەنجىرلىك تىرانسپورت ئاپتوموبىلى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يېڭىشەھەر بۆلەك رايونى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىدىكى تۇرپان سىلۇ مىڭجۇ يېزا ئىگىلىك بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدىن چىقماقتا.

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يېڭىشەھەر بۆلەك رايونى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىگە جايلاشقان شىنجاڭ سىلۇ جياۋزې ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ تور دىكتورى قوغۇننى كۆرسەتمەكتە. 

 7-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئىشچىلار تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يېڭىشەھەر بۆلەك رايونى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىگە جايلاشقان تۇرپان سىلۇ مىڭجۇ يېزا ئىگىلىك بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇق ئۈزۈم پىششىقلاش سېخىدا يۇيۇپ تازىلانغان قۇرۇق ئۈزۈملەرنى توشۇماقتا.

​7-ئاينىڭ 10-كۈنى، بىر تاماق توشۇغۇچى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يېڭىشەھەر بۆلەك رايونى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىدە تاماق توشۇماقتا.

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يېڭىشەھەر بۆلەك رايونى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى شىنشىن شياڭيىن . ئانار ھويلىسىغا دېھقانلار رەسىم ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئاسماقتا. 

7-ئاينىڭ 12-كۈنى، كىچىك دوستلار تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يېڭىشەھەر بۆلەك رايونى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىدىكى مەيداندا پۇتبول ئوينىماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.