تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

چاپچال ناھىيەسىدىكى شاللىقتا «ھەجۋىي رەسىم كۆرگەزمىسى» باشلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى 7-ئاي كىرىشى بىلەن، شالنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، شاللىق قەۋەتمۇقەۋەت رەڭدار تۈسكە كىرىپ، ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىردى. 7-ئاينىڭ 9-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ناداچى نېرۇ يېزىسى ناداچى نېرۇ كەنتىدىكى «رۇيى شاللىق رەسىملىرى» شال ئېتىزىغا كىرىپ، ئېگىز ئەينەك ئاسما يولدا تۇرۇپ تاماشا قىلغاندا، شاللىقتىكى جانلىق رەسىملەر ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن كۆركەم، ھەيۋەتلىك، كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز گۈزەل مەنزىرە كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلاتتى. نۇرغۇن ساياھەتچى ۋە ئاھالىلەر بۇ گۈزەل «رەسىم»لەرنى تاماشا قىلىپ، سۈرەتكە تارتىپ، تەبىئەتنىڭ چەكسىز سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.

  «رەڭگارەڭ شالدىن ھەر خىل شەكىلدىكى رەسىملەر نامايان بوپتۇ، ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ، كىشىنىڭ روھىي كەيپىياتىمۇ كۆتۈرۈلۈپ قالىدىكەن. بۈگۈن شاللىقتىكى بۇ رەسىملەرنى دېھقان تاغىلارنىڭ شال تېرىش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقارغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق ۋە ناھايىتى ھاياجانلاندۇق، تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇق» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى گۈلزار ھەسەنجان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ناداچى نېرۇ كەنتى يورۇقلۇق بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ھەر يىلى ھەر خىل شەكىلدىكى شال ئېتىزى رەسىملىرىنى «تېرىپ» چىقتى، بۇ رەسىملەر تاماشا قىلىش قىممىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە شۇ جاينىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. بۇ كەنت 2015-يىلى شاللىق رەسىمى كەسپى بازىسىنى قۇرغاندىن بۇيان، بۇ يەردىكى شاللىق رەسىملىرى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۆزگىچە ساياھەت مەنزىرە لىنىيەسىگە ئايلاندى، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 570 مو بولۇپ، سۆسۈن، سېرىق، يېشىل، قارا، ئاق بەش خىل رەڭدە شال يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، لايىھەلەنگەن رەسىم بويىچە مايسا كۆچۈرۈلدى، شالنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، شاللىقتىكى رەسىملەر ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى تەدرىجىي نامايان قىلدى. ھەر يىلىدىكى شاللىق رەسىملىرى ئۆزگىچە مەنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شەكىللىرى ئىنتايىن نەپىس بولۇپ، شاللىق رەسىملىرى ئارقىلىق شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ۋە تەبىئىي شارائىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى نامايان قىلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، شال ئارقىلىق رەسىم «سىزىش»تا، رەڭلىك شال مايسىسى يېتىشتۈرۈش، نەقىش لايىھەلەش، نۇقتا بەلگىلەپ ئۆلچەش-سىزىش، ئادەم كۈچى بىلەن تېرىش، ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشى قاتارلىق ھالقىلاردىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن «شاللىق رەسىمى»نى سىزىپ چىققىلى بولىدىكەن. ھەر يىلى يازنىڭ ئەڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە، «شاللىق رەسىملىرى» ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىرىدۇ، رەسىملەر تېخىمۇ ئېنىق، ئىستېرېئولۇق، رەڭلىرى تېخىمۇ ئوچۇق ۋە مول بولۇپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ، ئۇنىڭ تاماشا قىلىش مەزگىلى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.

مەنبە: چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

(چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى خۇا يەنمىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.