تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قىزىلسۇ ئوبلاستىغا كېلىپ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىدا ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىش

7-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئاقچى ناھىيەسىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرى ساياھەتچىلەرگە بۈركۈت مەدەنىيىتىنى نامايان قىلماقتا.

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات خەۋىرى، فوتوسى) 7-ئاينىڭ 13-كۈنى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرىدە «ھاياتىي كۈچكە تولغان قىزىلسۇ ئوبلاستى . غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى» تېمىسىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى نامايان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلىرىدىن كەلگەن قولدا ئىشلەنگەن كېگىز، ياغاچ ئويما، قىرغىز كەشتىچىلىكى قاتارلىق 100گە يېقىن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى، خاس مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنىپ، ساياھەتچىلەر ۋە شۇ جايدىكى ئاممىغا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدۇردى.

7-ئاينىڭ 13-كۈنى، ساياھەتچىلەر پائالىيەت نەق مەيدانىدا قۇمۇز چالغۇسىدا ئورۇندالغان نومۇرنى كۆرمەكتە.

7-ئاينىڭ 13-كۈنى، بىر خەلق سەنئەتكارى پائالىيەت نەق مەيدانىدا مىللىي قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى تىزماقتا.

7-ئاينىڭ 13-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئاتۇش دوپپىسى سېتىۋالماقتا.

7-ئاينىڭ 13-كۈنى، بىر خەلق سەنئەتكارى پائالىيەت مەيدانىدا قۇمۇز چالغۇسىنى چالماقتا.

7-ئاينىڭ 13-كۈنى، ساياھەتچىلەر قوي يۇڭىدىن ئىشلەنگەن كېگىز سېتىۋالماقتا.

7-ئاينىڭ 13-كۈنى، ساياھەتچىلەر قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.

  «تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.