تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

4-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى شياڭگاڭغا ئۇچۇش لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ) خەينەن ئاۋىياتسىيەسى قارىمىقىدىكى ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى 4-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى-شياڭگاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يولۇچىلارغا ئۆزئارا تۇتاشقان، ئۆزئارا راۋانلاشقان ئالاقىلىشىش تۈگۈنى بەرپا قىلىشنى پىلانلىدى.

ئۈرۈمچى-شياڭگاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر دۈشەنبە بېرىش-كېلىش مۇساپىسىنىڭ ھەربىرىدە بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. بېرىش مۇساپىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى UQ2637 بولۇپ، سائەت 10دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 15تىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە شياڭگاڭ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش مۇساپىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى UQ2638 بولۇپ، سائەت 16دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە شياڭگاڭ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 22دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ.

ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى يولۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىشىغا ئېتىبار قىلىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن شياڭگاڭغىچە بولغان يەككە مۇساپىنىڭ بېلەت باھاسى 980 يۈەندىن باشلىنىدۇ، شياڭگاڭدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان يەككە مۇساپىنىڭ بېلەت باھاسى 1110 يۈەندىن باشلىنىدۇ (يۇقىرىقى باھا باجنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).

ئىگىلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچىدە ئۈرۈمچى-لوياڭ-باڭكوك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى قايتىدىن ئېچىلغان بولۇپ، بېرىش مۇساپىسىدە UQ2641 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 7:00دە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 10:50 مىنۇت ئۆتكەندە لوياڭ بېيجياۋ ئايروپورتىغا قونۇپ، سائەت 12دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە لوياڭ بېيجياۋ ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 16دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە تايلاند باڭكوك سۇۋەنناپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا قونىدىكەن. قايتىش مۇساپىسىدە UQ2642 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 18دى 10 مىنۇت ئۆتكەندە باڭكوك سۇۋەنناپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 22دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە لوياڭ بېيجياۋ ئايروپورتىغا قونۇپ، سائەت 23تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە توختىغان جاي لوياڭدىن ئۇچۇپ، ئىككىنچى كۈنى سەھەر سائەت 3تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا قونىدىكەن.

«يەرلىك ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يېڭى ئاۋىياتسىيە پەسلىدە بىز ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان شىنجاڭغا ئالاقىدار ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 19ى بار، ھەر ھەپتىدە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان 168 نۆۋەت قېتىمدىن ئاشىدۇ، دۆلەت ئىچىدىكى 21 شەھەرگە بىۋاسىتە قاتنايدۇ» دېدى ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى شىركىتى بازار ماركېتىڭ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شۈ جيالياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ