تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى، 1 ـ جېڭۋېي ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە داڭلىق زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، كۆپچىلىكنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى ھەم خىزمەت تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: كاتتا باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، كۆپچىلىك بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ھەممىڭلار شىنجاڭنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسىپلىرىدىكى سەرخىل تايانچلار، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇپ كەلدىڭلار، مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە رەھمەت ئېيتىمەن، كۆپچىلىكنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال ـ خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشمەن. ھازىر شىنجاڭ مۇھىم تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇدا ئىككى يىل شىنجاڭغا كېلىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، بىزنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز ئۈچۈن يول كۆرسىتىپ يۆنىلىشنى بەلگىلەپ بەردى، رول تۇتۇپ يول باشلاپ بەردى. باش شۇجىنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلارغا تۈرتكە بولۇپ يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىشەنچى مۇجەسسەملىنىپ، غەيرىتى ھەسسىلەپ ئاشتى. يېڭى مۇساپە شان ـ شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر، شىنجاڭ غايەت زور پۇرسەتكە دۇچ كەلدى، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز. بىز تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ زور سىياسىيدا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، بىر مەقسەتتە كۈرەش قىلىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ كەسپىي جەھەتتە داۋاملىق چوڭقۇر ئىزدىنىپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يەنە ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

دۆلەت بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنژېنېر نامىغا ئېرىشكۈچى ۋاڭ ۋېيچىڭ، ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ليۇ لياڭچېڭ، 2023 ـ يىللىق چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى يىللىق شەخسلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان جاڭ گويۈن قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، ھەرقايسى كەسپىي ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى، ئۆتكەن بىر يىلدا شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يۈكسەك باھا بەردى، يېڭى بىر يىلدا ئەۋزەللىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغانلىقىنى، كۈچ قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قادېن كەبىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ