تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ما شىڭرۇي تەبرىك سۆزى قىلدى، ئىسمائىل تىلىۋالدى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: گۈللەنگەن، باياشات دەۋردە، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئىقتىساد جانلانغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى. كاتتا باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت 2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 2024 ـ يىللىق باھار بايرىمىنى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى خۇشال ـ خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلەپ، شادلىق ئىلكىدە باھار بايرىمىنى كۈتۈۋالدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي تەبرىك سۆزى قىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر ـ جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرى، گۇڭئەن كادىر ـ ساقچىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش قوشۇنى، بىڭتۇەندىكى كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرگە، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرىغا، مۇتەخەسسىس، ئالىملار، ئىلغار نەمۇنىچىلار قاتارلىق ھەر ساھەدىكى زاتلارغا، پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارغا، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارغا، شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەن، قوللىغان ۋە ياردەم بەرگەن مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكى بارلىق دوستلارغا باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەك تىلىدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىل شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم كېلىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قاتار مۇھىم سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى مىسلىسىز تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھاملاندى، ھەسسىلەپ روھلاندى، ئىشەنچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. بىر يىلدىن بۇيان، بىز تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولغان، ئىقتىساد مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاپ كەلدۇق. بىر يىللىق كۈرەش مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، بىز شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، «ئىككىنى تىكلەش» بارلىق جاپا ـ مۇشەققەت، خەۋپ ـ خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشتىكى، بارلىق ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ ئىشەنچ، ئەڭ چوڭ كاپالەت. شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى باش شۇجى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ ئۈچۈن كۆرسىتىپ بەرگەن داغدام يول، بىز ئۇنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرساقلا، چوقۇم گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: 2024 ـ يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشتە، زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەت ئېغىر، جەزمەن غەيرەت ـ شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يېڭى دەۋردىكى چىڭ داۋلى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش بىلەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلىشىمىز كېرەك.

ياڭ چېڭ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلىرى، مۇتەخەسسىسلەر ـ ئىختىساسلىقلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، ئاپتونوم رايونلۇق سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، ھەر ساھە ۋەكىللەر ۋە ھەرقايسى سەپتىكى ئىلغارلار، نەمۇنىچىلار كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىغا قاتناشتى.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ