تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى سۇ چېچىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلدى

كۈز پەسلى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل، سۇ چېچىكى بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ بىرى، يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى: سۇ چېچىكىنىڭ يۇقۇشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، بوۋاقلار، كىچىك بالىلار ۋە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار بار ئائىلىلەر ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسىنى ۋاقتىدا ئەملىتىشى كېرەك.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، سۇ چېچىكى سۇ چېچىكى-بەلباغسىمان قاپارتما ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، ئاساسلىقى نەپەس يولى چاچراندىلىرى ۋە بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدىكەن، سۇ چېچىكى ئاغرىقلىرى بىردىنبىر يۇقۇش مەنبەسى بولۇپ، بوۋاقلار، كىچىك بالىلار ۋە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلاردا كۆپرەك قوزغىلىدىكەن، چوڭلاردىمۇ يۇقۇملىنىش خەۋپى بولىدىكەن.

بۇ مەركەزنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ كەيلۇن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئادەتتە قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، باش ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، كېيىنكى بىر ئىككى كۈندە قىچىشىدىغان قىزىل ئەسۋە پەيدا بولىدۇ، دەسلەپتە يىڭنە ئۇچى چوڭلۇقىدىكى ياپىلاق قىزىل ئەسۋە، كېيىن يېشىل ماش چوڭلۇقىدىكى كىچىك سۇلۇق قاپارتما شەكىللىنىدۇ، ئادەتتە كۆكرەك، دۈمبە قىسمىغا ئاۋۋال چىقىدۇ، تارقىلىشى بىر قەدەر زىچ بولۇپ، ئانرقىدىنلا يۈز ۋە پۇت-قوللارغا تارقىلىدۇ. ئىككى كۈندىن تۆت كۈنگىچە سۇلۇق قاپارتما قۇرغاقلىشىپ، قاقاچ تۇتىدۇ. پۈتۈنلەي ساقىيىشقا تەخمىنەن ئىككى ئۈچ ھەپتە ۋاقىت كېتىدۇ.

جاڭ كەيلۇن مۇنداق ئەسكەرتتى: سۇ چېچىكى بىر يىلدىكى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە پەيدا بولۇشى مۇمكىن، يۇقۇشچانلىقى يۇقىرى، سۇ چېچىكى چىقىپ باقمىغان ھەم ۋاكسىنا ئەملەتمىگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاغرىقلار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن كۆپ قىسمى يۇقۇملىنىدۇ. كۈندىلىك ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىنى ياخشى قىلىش كېرەك:

1. سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى ئەملىتىش: سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى ئەملىتىش سۇ چېچىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى ئەڭ تېجەشلىك، ئۈنۈملۈك ۋاسىتە، بىر ياشتىن يۇقىرى بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر، شۇنداقلا نۇقتىلىق كىشىلەر توپى مەسىلەن، تېببىي خادىملار، مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قاتارلىقلاردىن ئىلگىرى سۇ چېچىكى چىقىپ باقمىغانلار، ۋاكسىنا ئەملەتمىگەنلەر ھەمدە سۇ چېچىكى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن قۇرامىغا يەتكەنلەرگە بالدۇرراق سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى ئەملىتىش كېرەك.

2. ئادەم توپلىشىشتىن ساقلىنىش: سۇ چېچىكى تارقالغان پەسىلدە، ئادەم كۆپ، ھاۋا ئۆتۈشۈشى ناچار ئاممىۋى سورۇنلارغا بارماسلىق، ئاغرىقلارنىڭ ئۆيىگە بارماسلىق، كېسەل بولۇش نىسبىتىنى ئازايتىش كېرەك. ئەگەر ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەردە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆيدە ياكى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشى، بارلىق ئەسۋە قاقاچ تۇتۇپ يۇقمايدىغان بولغاندا ئاندىن مەكتەپكە (ئىشقا) بېرىپ، باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

3.ياخشى ئادەتنى ساقلاش: ياخشى بولغان شەخسىي تازىلىق ۋە مۇھىت تازىلىقى ئادىتىنى تۇرغۇزۇش، قولنى پات-پات يۇيۇش، نەرسىلەرنى پات-پات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، كىيىم –كېچەكنى پات-پات يۇيۇش، پاكىز تۇتۇش، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئازادە، رەتلىك تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ئاغرىقلار ئىشلەتكەن بۇيۇملارنى تازىلاش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك.

4. ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش: ئۈچ ۋاق تاماققا كاپالەتلىك قىلىش، ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش، يېتەرلىك ئۇخلاش، ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش كېرەك. (مۇخبىر لى شياۋچىڭ)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ