ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گاۋ فېڭ) 2-ئاينىڭ 12-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدا شىنجاڭ بويىچە ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪2.0 ئۆرلىگەن، ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى ٪0.1 ئۆرلىگەن.
1-ئاينىڭ 24-كۈنى، قاراماي شەھەر ئاھالىلىرى تاللا بازىرىدىن تاۋار سېتىۋالماقتا. تيەن گوجيەن فوتوسى
بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا، يېمەكلىك باھاسى ٪4.2 ئۆرلىگەن، يېمەكلىكتىن باشقا نەرسىلەرنىڭ باھاسى ٪1.5 ئۆرلىگەن؛ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى ٪2.5 ئۆرلىگەن، مۇلازىمەت تۈرىدىكىلەرنىڭ باھاسى ٪1.2 ئۆرلىگەن.
زەنجىرسىمان سېلىشتۇرۇشتىن قارىغاندا، يېمەكلىك باھاسى ٪1.9 ئۆرلىگەن، يېمەكلىكتىن باشقا نەرسىلەرنىڭ باھاسى ٪0.4 تۆۋەنلىگەن؛ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى ٪0.7 ئۆرلىگەن، مۇلازىمەت تۈرىدىكىلەرنىڭ باھاسى ٪1.0 تۆۋەنلىگەن. يېمەكلىكلەردە، يېڭى كۆكتاتلارنىڭ باھاسى ٪20.5 ئۆرلىگەن، يېڭى مېۋىلەرنىڭ باھاسى ٪9.0 ئۆرلىگەن؛ چارۋا گۆشىنىڭ باھاسى ٪4.5 تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، چوشقا گۆشىنىڭ باھاسى ٪19.6 تۆۋەنلىگەن، كالا گۆشىنىڭ باھاسى %2.4 تۆۋەنلىگەن، قوي گۆشىنىڭ باھاسى ٪1.8 تۆۋەنلىگەن. باشقا يەتتە چوڭ تۈردىكىلەرنىڭ باھاسى زەنجىرسىمان سېلىشتۇرغاندا ئۈچىدە ئۆرلەپ، ئىككىدە تەڭلىشىپ، ئىككىدە تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، كىيىم–كېچەكلەرنىڭ باھاسى ٪0.7 ئۆرلىگەن، مائارىپ، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىكىلەرنىڭ باھاسى ٪0.6 ئۆرلىگەن، باشقا بۇيۇملار ۋە مۇلازىمەت تۈرىدىكىلەرنىڭ باھاسى ٪0.1 ئۆرلىگەن. ئولتۇراقلىشىش، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش تۈرىدىكىلەرنىڭ باھاسى ئاساسەن مۇقىم بولغان، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە مۇلازىمەت تۈرىدىكىلەرنىڭ باھاسى ٪0.3 تۆۋەنلىگەن، قاتناش، خەۋەرلىشىش تۈرىدىكىلەرنىڭ باھاسى ٪3.2 تۆۋەنلىگەن.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدا، شىنجاڭدىكى سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى (PPI) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.8 تۆۋەنلىگەن، زەنجىرسىمان سېلىشتۇرغاندا ٪1.2 تۆۋەنلىگەن؛ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى(IPI) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪1.3 تۆۋەنلىگەن، زەنجىرسىمان سېلىشتۇرغاندا ٪1.2 تۆۋەنلىگەن.