بۇ يىل 75 ياشقا كىرگەن خەلچىخان يۈسۈپ تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىدىن پېنسىيەگە چىققان كادىر. ئۇ ئۇزاق يىل ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۈزۈمنى 40 يىل قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلدى، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئۈزۈمچىلىك كەسپىنى تەتقىق قىلىدىغان 12 تەتقىقات تېمىسىنى زىممىسىگە ئالدى. 40 يىلدىن بۇيان، ئۇ 50 نەچچە خىل ئۈزۈم سورتىنى سىناق قىلىپ تېرىدى، 26 خىل سورتنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى سەككىز خىل سورت تۇرپان قاتارلىق جايلاردا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئۆستۈرۈلدى.
گەرچە پېنسىيەگە چىققىنىغا كۆپ يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن خەلچىخان يۈسۈپ يەنىلا ھەر مىللەت ئاممىغا ئۈزۈم تىكىش- ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى قىزغىنلىق بىلەن ئۆگىتىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەرمەكتە.