رەددىيە: «ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش نىزامى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، پۇقرالار قۇرغان كارخانا ئەمەس ئورۇنلار، ئىشچى ياللىغان يەككە سودا- سانائەتچىلەر قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن ئۇدا بىر يىلدىن ئارتۇق ئىشلىگەنلىرى مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇ يەردىكى «ئۇدا بىر يىلدىن ئارتۇق ئىشلەش» چوقۇم شۇ ئورۇندا ئۇدا بىر يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلاردا ئۇدا بىر يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىش ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى