تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يودلۇق تۇز ئىشلىتىش ئەڭ ئاددىي، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ئۇسۇل

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يې شياۋمىن، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇڭ نىڭ) 2022- يىل 5- ئاينىڭ 15- كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ 29- قېتىملىق «يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش كۈنى»، بۇ يىلقى باش تېما «ئاقىل كىشىلىك ھايات ساغلاملىق يولى، ئىلمىي يود تولۇقلاش بىرىنچى قەدەم». ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى 5- ئاينىڭ 10- كۈنى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا مۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى تارقاتتى: ئاھالىلەرنىڭ ئادەتتە يودلۇق تۇز ئىستېمال قىلىشى − ئەڭ ئاددىي، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك بولغان يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىدۇر.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر قۇربان تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرى دۇنيا بويىچە دېڭىز- ئوكيانغا ئەڭ يىراق شەھەر، يود كەمچىل بولۇش تەھدىتىگە ئۇچرىغان شەھەرلەرنىڭ بىرى، مەملىكەتلىك يود كەملىك كېسىلىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى كۆزىتىش- ئۆلچەش لايىھەسىگە ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى يود كەملىك كېسىلىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى قەرەللىك كۆزىتىپ ۋە ئۆلچەپ، پۈتۈن شەھەردىكى يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئەڭ يېڭى ھەرىكەت ھالىتىنى ئىگىلىدى.

  5- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى 2022- يىللىق يود كەملىك كېسىلىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى كۆزىتىش- ئۆلچەش نەق مەيدان خىزمىتىنى تاماملىدى، پۈتۈن شەھەردىكى 40 باشلانغۇچ مەكتەپتىكى جەمئىي 1600 نەپەر 8 ياشتىن 10 ياشقىچە بولغان مەكتەپ بالىلىرىنىڭ قالقانسىمان بەز سىغىمىنى B چاۋدا تەكشۈرۈش، سۈيدۈك ئەۋرىشكىسىنى ئېلىش ۋە بالىلارنىڭ ئائىلىسىدىن تۇز ئەۋرىشكىسى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى.

  يودنىڭ «ئەقلىي ئىقتىدار ئېلېمېنتى» دېگەن نامى بار بولۇپ، مېتابولىزم ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشتە زۆرۈر بولغان مىكرو مىقدارلىق ئوزۇقلۇق ماددا ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى. ئادەم بەدىنى يود ھاسىل قىلالمايدۇ، شۇڭا سىرتتىن قوبۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرى 1996- يىلى ئاشتۇزىغا يود قوشۇشنى ئومۇملاشتۇرۇشنى يولغا قويغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە، كۆپ يىل ئاشتۇزىغا يود قوشۇپ ئارىلىشىش تەدبىرلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالدى ۋە ئۇنى داۋالىدى، پۈتۈن شەھەر خەلقىنىڭ يود ئوزۇقلۇق سەۋىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇۋاپىق ھالەتتە تۇردى، ئاھالىلەرنىڭ لاياقەتلىك يودلۇق تۇز ئىستېمال قىلىش نىسبىتى، بالىلاردىكى قالقانسىمان بەز يوغىناش نىسبىتى ئومۇمىي جەھەتتىن دۆلەتنىڭ يود كەملىك كېسىلىنى تۈگىتىش كۆرسەتكۈچ تەلىپىگە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ