تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا: پارنىكنىڭ ئىچى-سىرتىدا دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى

   4-ئاينىڭ 13ـ كۈنى، پىدائىيلار ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىل بازىرى قاراسا كەنتىدە باغۋەنلەرنىڭ شاپتۇل دەرىخى غولىنى ئاقارتىشىغا ياردەملەشتى. شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىل بازىرى قاراسا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، مېۋىلىك باغ، ئېتىزلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمگەك كۈچى كەمچىل دېھقانلارنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەم بېرىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

ئەزىز سامساق فوتوسى 

   4-ئاينىڭ 13ـ كۈنى، پىدائىيلار ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىل بازىرى قاراسا كەنتىدە باغۋەنلەرنىڭ چىلان دەرىخىگە سېرىق تاختا ئېسىشىغا ياردەملەشتى. 4-ئاينىڭ 13ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىل بازىرى قاراسا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، مېۋىلىك باغ، ئېتىزلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمگەك كۈچى كەمچىل دېھقانلارنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەم بېرىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. 

ئەزىز سامساق فوتوسى

   4-ئاينىڭ 12-كۈنى، باغ-ئورمان ئىشچىلىرى گۈل-گىياھلارنى پەرۋىش قىلماقتا. ھازىر، كورلا شەھىرىدىكى باغ-ئورمان تارماقلىرى خادىملارنى تەشكىللەپ، گۈل-گىياھ يېتىشتۈرۈش، كۆچۈرۈپ تىكىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، «1-ماي»دىن بۇرۇن 15 خىل سورتتىكى مىليون تۈپتىن ئارتۇق گۈل پۈتۈن شەھەردىكى ھەرقايسى چوڭ مەيدان، باغچىلارغا كۆچۈرۈلۈپ، نەشپۈت شەھىرى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈلىدۇ.

چېن جيەنفېي فوتوسى

      4-ئاينىڭ 12-كۈنى، باغ-ئورمان ئىشچىلىرى گۈل-گىياھلارنى پەرۋىش قىلماقتا. ھازىر، كورلا شەھىرىدىكى باغ-ئورمان تارماقلىرى خادىملارنى تەشكىللەپ گۈل-گىياھ يېتىشتۈرۈش، كۆچۈرۈپ تىكىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، «1-ماي»دىن بۇرۇن 15 خىل سورتتىكى مىليون تۈپتىن ئارتۇق گۈل پۈتۈن شەھەردىكى ھەرقايسى چوڭ مەيدان، باغچىلارغا كۆچۈرۈلۈپ، نەشپۈت شەھىرى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈلىدۇ.

چېن جيەنفېي فوتوسى

   4-ئاينىڭ 13-كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئاستانە يېزىسى باغۋەنچىلىك كەنتىدىكى باغۋەنلەر ئۈزۈم شاخلىرىنى چاتىماقتا. ھازىر، تۇرپان شەھىرىدىكى 570 مىڭ مو ئۈزۈملۈك چاتاش، ئوغۇتلاش، سۇغۇرۇش قاتارلىق ئېتىز پەرۋىشى باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، ھەر قايسى يېزا-بازارلاردىكى دېھقانلار بۇ يىل ئۈزۈمدىن مول ھوسۇل ئېلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈزۈم پەرۋىشىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىمەكتە.

ليۇ جيەن فوتوسى

.

   4-ئاينىڭ 13-كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ بېھىشباغ يېزىسى كۆكۈش 2-كەنتىدىكى دېھقانلار نەشپۈتلۈك ئارىسىغا پېگمېنتلىق لازا مايسىسى كۆچۈردى. بۇ يىل، كۇچا شەھىرى جۇغراپىيەلىك ئورنى، سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، داڭلىق لازا سورتلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېتىشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى پېگمېنتلىق لازا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، كۇچا شەھىرىدە پېگمېنتلىق لازا تېرىش كۆلىمى 35 مىڭ مودىن ئاشتى، مو بېشى كىرىمىنىڭ 3200 يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. 

نىياز راخمان فوتوسى

        4-ئاينىڭ 13-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى كۇچا شەھىرىنىڭ ئۇچا بازىرى ئۇچا 3-كەنتىدىكى پارنىكتا يۈشىڭساۋ ئوتىنى ئۈزمەكتە. بۇ يىل، كۇچا شەھىرىنىڭ ئۇچا بازىرى ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق ئەندىزىسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، خاس تېرىقچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى «سەرخىل»، «يېڭىچە» قىلىپ، يۈشىڭساۋ ئوتى ۋە سەرەبىل كىرگۈزۈپ، كىچىك دائىرىدە سىناق قىلىپ تېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. نۆۋەتتە، بۇ بازاردا سىناق قىلىپ تېرىلغان بەش مو سەرەبىل ۋە ئۈچ مو يۈشىڭساۋ ئوتى پىشىپ بازارغا سېلىندى ھەمدە كۆرۈنەرلىك كىرىم بولدى.

نىياز راخمان فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ