تىيانشان تورى   ›   قانۇن

5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ

  مۇخبىرنىڭ دۆلەت كۆك تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە

 «ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى باشقۇرۇش چارىسى» يېقىندا ئېلان قىلىنغان

5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن

 «ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى باشقۇرۇش چارىسى»نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى:

  1. ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئوبيېكتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛

  2. ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى ئىشلەپچىقىرىش، توپ سېتىش ۋە پارچە سېتىش سۇبيېكتلىرىغا قارىتا ئىجازەتنامە باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى باشقۇرۇشتا يېڭىدىن مەمۇرىي ئىجازەت تۈرى تەسىس قىلىنمايدۇ، پەقەت مەخسۇس كۆك تاماكا تىجارىتى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش، توپ سېتىش ۋە پارچە سېتىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئىجازەت دائىرىسىگىلا مۇناسىپ ماددىلار قوشۇلدى؛

  3. ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى سېتىشتا يول بويىچە باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىڭ سودىسىنى باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇلۇپ، ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى سېتىش ئۇسۇلى قېلىپلاشتۇرۇلدى؛

  4. ئېلېكتىرونلۇق تاماكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى پۈتۈن جەريانلىق باشقۇرۇلۇپ، ئېلېكتىرونلۇق تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى تېخنىكىلىق باھالاش ۋە ئىز قوغلاپ سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىلدى؛

  5.ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى توشۇش ۋە ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىشنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش يولغا قويۇلدى.

  بۇنىڭدىن باشقا

«ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى باشقۇرۇش چارىسى»دا يەنە

ئادەتتىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى

ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ، مەخسۇس مەكتەپ

 يەسلى ئەتراپىدا

ئېلېكتىرونلۇق تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش تور نۇقتىسى تەسىس قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ھەر خىل شەكىلدىكى ئېلېكتىرونلۇق تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى

تونۇشتۇرۇش كۆرگەزمىسى، مۇنبەر، كۆرگەزمە قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈش مەنئى قىلىنىدۇ

  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە

ئېلېكتىرونلۇق تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ

 ئاپتوماتىك مال سېتىش ماشىنىسى قاتارلىق

ئاپتوماتىك سېتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ

ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى سېتىش ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ

  تاماكا پۇرىقىدىن باشقا تەم تەڭشىگۈچى ئېلېكتىرونلۇق تاماكا ۋە تۇمانلاشتۇرغۇچى ماددا ئۆز ئالدىغا قوشۇلغان ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ