3- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 1- پەسىللىك 451 تۈرىدە مەركەزلىك ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ئىش باشلاندى، بۇ تۈرلەرگە جەمئىي 158 مىليارد 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىش ئەسلىگە كەلگەن تۈر 315، يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈر 136 بولۇپ، 5 مىليارد 620 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلانغان. بۇ قېتىم مەركەزلىك ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، ئىش باشلانغان تۈرلەر كەسىپ، سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە، خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت بەش چوڭ تۈرگە چېتىلىدۇ، تۈر سانى كۆپ، سېلىنمىسى كۆلىمى زور، تۈرتكىلىك رولى كۈچلۈك.