تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ: پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشىپ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي تەرەققىياتنى كۆزلەش

3-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئىشچى ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش-كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا مەشغۇلات قىلماقتا. نۆۋەتتە، بۇ قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، قۇرۇلۇشچىلار جىددىي قۇرۇلۇش قىلىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ۋاقتىدا تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

     ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ
     ئىللىق باھار شامىلى تىيانشاننى يەنە سىيپاپ ئۆتۈپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھاياتلىق ناخشىسىنى ياڭراتتى، شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سىمفونىيەسىنى ياڭراتتى. شىنجاڭدا ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، ھەرقايسى تەرەپلەر تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش مېلودىيەسى جاراڭلىق، ھەيۋەتلىك ياڭرىدى. 
    دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، خەۋپ-خەتەر، خىرىسلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، جەزمەن داۋانلاردىن  ئېشىپ  ئۆتۈش كېرەك. قىيىنچىلىق قانچە كۆپ بولغانسېرى، ئىشەنچنى شۇنچە چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك. شىنجاڭدا ئەۋزەل كەسىپلەردە ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈش، مەردانە ئىلگىرىلەشتە ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىدىغان، قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئىلگىرىلەيدىغان قەتئىيلىك نامايان قىلىندى، مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش بۇرغىسى ياڭرىتىلدى.
    ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئىش ئورۇنلىرى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرى تېز ئالغا سىلجىتىلدى؛ ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلدى، «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى؛ يېڭى ماتېرىياللار كەسپى، يۇقىرى  دەرىجىلىك جابدۇق ياساش كەسپى قاتارلىقلارغا سىجىل كۈچ چىقىرىلدى، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ئۇچقاندەك ئىلگىرى سۈرۈلدى... زامانىۋى كەسىپلەر ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كېلىپ، يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، ھەرقايسى جايلار ئەۋزەل كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىش بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ ئۇلىنى يەنە يارىتىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىغا، توپلىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تېز تۈرتكە بولدى، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان موتور كۈچلۈك بولدى، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» قەدىمى پۇختا بولدى. 
     ھەيۋەتلىك تىيانشاندا ئۇلۇغۋار ئىشلار ۋۇجۇدقا چىقىرىلدى، مەردانە قەدەم تاشلىنىپ جەسۇرانە قىياپەت نامايان قىلىندى. تىرىشقانلارغا باھار بالدۇر كېلىدۇ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ دەل ۋاقتى بولدى. چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان زامانىۋى كەسىپلەرنىڭ قىياپىتى ھەيۋەتلىك بولۇپ، مەردانە، تەسىرلىك مېلودىيە ياڭرىتىلدى، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قەدىمى تېخىمۇ پۇختا، مەزمۇت بولدى.

3-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئىشچى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلماقتا. سانجى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ شىنلۈ ئاليۇمىنچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، زاكازنى ئۈلگۈرتۈپ، تۇنجى پەسىلدە ياخشى باشلىنىش بولۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

سېخ ئىچىدە رەتلىك تىزىلغان سىنك نۆكچىسى مەھسۇلاتلىرى(3-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان). ئۇلۇغچات چاڭجوۋ سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ زىجىن رەڭلىك مېتال چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يىلىغا 100 مىڭ توننا سىنك تاۋلايدىغان تۇنجى كارخانا بولۇپ، يىلىغا 100 مىڭ توننا سىنك نۆكچىسى ئىشلەپچىقىرىدۇ. نۆۋەتتە، بۇ كارخانا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، يېڭى بىر يىلدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش بۇرغىسىنى ياڭراتتى.

ئىختىيارىي مۇخبىر شيې جى فوتوسى

3-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئىشچى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا شامال كۈچى گېنېراتورى قۇراشتۇرماقتا. قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ خەيجۇاڭ شامال كۈچى ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى 1-پەسىلدە 183 شامال كۈچى گېنېراتورى زاكازىنى تاپشۇرۇۋالدى. نۆۋەتتە، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ زاكازنى ئۈلگۈرتمەكتە.

ئىختىيارىي مۇخبىر ساۋ شىنجيا فوتوسى

3-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئىشچى ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ دۇڭفېڭ كابېل(گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا. نۆۋەتتە، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىتىش ئەندىزىسىنى باشلاپ، ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، زاكازنى ئۈلگۈرتۈپ، تۇنجى پەسىلدە ياخشى باشلىنىش بولۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى.

ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ شيۇكې فوتوسى

3-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە تۇتاش قۇيۇلغان پىلتە پولات پىششىقلانماقتا. يېقىندا، كۈنەس ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ ئىلى پولات-تۆمۈر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئەتىياز پەسلىدە پېچقا رەسمىي ئوت يېقىپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى. بۇ شىركەت بۇ يىل 950 مىڭ توننا تەييار پولات ماتېرىيالى، 950 مىڭ توننا تاۋار پولات ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىدى.

ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ