تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەزا ياڭ جيې: شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمەن

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۈي يۈنيەن)

  «قۇتۇبى ناھىيەسىدە 20 نەچچە مىللەت ياشايدۇ، ۋاڭ گۇيجېن موماي كۆپ يىللاردىن بۇيان كېرەكسىز نەرسىلەرنى سېتىپ قىلغان كىرىمى ۋە تېجەشلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ يىغقان پۇلى بىلەن قىيىنچىلىقى بار ھەر مىللەت ئاممىغا ياردەم بەردى، ئۇ يەنە مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىنى بىرلىكتە ياخشى ئىش قىلىشقا يېتەكلىدى.» 2 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى، قۇتۇبى ناھىيە بازىرىدىكى شەنشى مەسچىتىنىڭ ئاخۇنى ياڭ جيې زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، مۇخبىرغا نۇرغۇن ھېكايە سۆزلەپ بەردى.

  «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى قانداق چۈشىنىشتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى جانلىق مىسال.» ياڭ جيې ھېكايە سۆزلەشكە ماھىر، ئۇ ئەتراپىدىكى ئادەم ۋە ئىشلار ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا يۈزبەرگەن كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا ئىلھاملاندۇردى، ھەر يىلى 100 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  2019 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 ـ يىغىنىنىڭ دىن ساھەسى گۇرۇپپا يىغىنىدا، ياڭ جيې «مەن دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەت پۇقراسى» دېگەن تېمىدا قىلغان سۆزىدە، ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. 3 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن يىغىندا سۆز قىلغاندا، ياڭ جيې يەنە بىر قېتىم «مەن دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەت پۇقراسى» دېدى. ھەربىر سۆز ناھايىتى ۋەزىنلىك بولۇپ، خەلق سارىيىدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى، شۇنداقلا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالدى.

  ياڭ جيې دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي قائىدە، دىنىي ئەقىدىلەرنى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ـ ئىلگىرىلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن ھالدا، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا چۈشەندۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقاردى.

  3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ياڭ جيې ئاممىغا كەڭ كۆلەمدە لېكسىيە سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى بايان قىلىپ، ئاممىنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىدى.

  2020 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، ياڭ جيې ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئۆز كەچۈرمىشى ئارقىلىق پىتنە ـ ئىغۋالارغا كۈچلۈك رەددىيە بەردى. «بىز ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار دادىللىق بىلەن ئوچۇق ـ ئاشكارا پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز كېرەك» دېدى ياڭ جيې.

  2021 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەلا ئادا قىلىش مۇكاپاتىنى تارقىتىش بويىچە تەقدىرلەش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، 20 ئەزا 2020 ـ يىللىق مەسئۇلىيەتنى ئەلا ئادا قىلىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ياڭ جيېمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. «مەن باشتىن ـ ئاخىر توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش، توغرا يولدا مېڭىشنىڭ تارقاتقۇچىسى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى بولىمەن، داۋاملىق كۆپ كىتاب ئوقۇيمەن، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇيمەن، كۆپ لېكسىيە سۆزلەيمەن، دۇنياغا شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمەن» دېدى ياڭ جيې.

  بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرىنى مەخسۇس تېمىلىق كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەشكىللىدى، ياڭ جيې پۈتۈن جەريانغا قاتناشتى.

  ياڭ جيې جەنۇبىي شىنجاڭدا چوڭقۇر تەسىراتقا ئېرىشتى. «شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپتۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن، ئائىلە كىرىمى ئېشىپتۇ، كەنتنىڭ مۇھىت تازىلىقى مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىنمۇ ياخشى ئىكەن، پۇقرالارنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى بىۋاسىتە ھېس قىلغىلى بولىدىكەن.» قاتتىق ھاياجانلانغان ياڭ جيېنىڭ قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى تۇنجى ئىشى يۇرتىدىكى ئاممىغا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىش بولدى.

  «مەن پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى، شىنجاڭدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە سۆزلەپ بېرىمەن» دېدى ياڭ جيې.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ