تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يېزا-كەنت ساياھىتى قار-مۇز شادلىقىغا شادلىق قوشتى

1-ئاينىڭ 2-كۈنى، ساياھەتچىلەر باي ناھىيەسىدىكى ئارشاڭ قار تېيىلىش مەيدانىدا ئوينىماقتا.

خۇ شياۋشياۋ فوتوسى

1-ئاينىڭ 1-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىل بازىرى چىمەن كەنتىدىكى مۇز تېيىلىش مەيدانىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

ئېزىز سامساق فوتوسى

    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ لۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر ئەكرەم ياسىن خەۋەر قىلىدۇ) بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يېزا-كەنتلەردە يۇرتداشلار يېزىنىڭ ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتىغا تايىنىپ، قىش پەسلىدە بىكار تۇرغان ئېتىزلارغا توڭ سېلىپ، ئۈستى ئوچۇق مۇز تېيىلىش مەيدانى ياساپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتىنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.

    1-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرى يۇقارقى قاغاتۇر كەنتىدە، قىش پەسلىدە بىكار تۇرغان 200 نەچچە مو ئېتىز قىشلىق توڭ سېلىنغاندىن كېيىن ئۈستى ئوچۇق مۇز تېيىلىش مەيدانىغا ئايلاندى، شۇ جايدىكى ئامما ۋە ساياھەتچىلەر بۇ يەردە مۇز تېيىلدى، سۈرەتكە چۈشتى، كۈلكە سادالىرى ياڭرىدى.

    بىر مەيدان مۇز ئۈستى ئارقان تارتىشىش مۇسابىقىسى قەھرىتان قىشتىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ ئەڭ ياخشى بەدەن قىزىتىش ئۇسۇلى بولۇپ قالدى. مۇسابىقىدە ئىككى ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، يەڭگۈچى تەرەپ چانا بىلەن مۇز تېيىلىشنى ھەقسىز ھېس قىلىپ، مۇز ئۈستى خۇشاللىقىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.

     ئۇنىڭدىن باشقا، شۇ جايدىكى نۇرغۇن ئامما مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتى يۇقىرى دولقۇنى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزلىرى چانا، نۇر قاتارلىقلارنى ياساپ، مۇز ئۈستى ئويۇن تۈرلىرىنى يەنىمۇ موللاشتۇرۇپ، داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن ساياھەتچىلەرگە يېزا-كەنت ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلدۇرۇپ، سەھرا مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدۇردى.

     قىش كىرگەندىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى «تەنتەربىيە+ساياھەت+ مەدەنىيەت»نى پائال قانات يايدۇرۇپ، ساياھەت بايلىقىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇپ، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىغا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى روھىنى ئەۋج ئالدۇردى.

  بۇ مەزگىلدە، ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق بازىرى يەكلى كەنتىدىكى دېھقان ئېزىزجان يۇنۇسنىڭ كېۋەزلىكى مۇز تېيىلىش مەيدانىغا ئايلىنىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

   «قىش كىرىشتىن بۇرۇن مەن كېۋەزلىككە توڭ سېلىپ، تۇپراقنىڭ نەملىكىگە كاپالەتلىك قىلدىم. قىشتا توڭ سالغان سۇ تېيىز بولغاچقا، ئۈستىدە مۇز تېيىلىسىمۇ بىخەتەر بولىدۇ» دېدى ئېزىزجان، كۆپچىلىكنىڭ پۇخادىن چىققۇچە ئوينىشى ئۈچۈن ئۇ كۆپچىلىككە كانكى، مۇز تېيىلىش ئايىغى تەييارلىدى.

   ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى تۆۋەنكى سۇبۇلاق كەنتىدىكى 100 مو شاللىق مۇز تېيىلىش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇلدى، ھەر مىللەت ئامما خۇشال ھالدا بۇ يەردە جەم بولدى، ۋېلىسىپىت مىنىش، مۇز ئۈستىدە ماشىنا ھەيدەش، نۇرنى تېز پىرقىرىتىش مۇسابىقىلىشىدىغان تۈرگە ئايلاندى، بىردە كۆتۈرۈلۈپ، بىردە پەسىيىۋاتقان مەدەت ئاۋازىغا ئەگىشىپ كۆپچىلىك تەڭ كۈچ چىقىرىپ، بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، جاسارەت بىلەن بىرىنچىلىكنى تالاشتى، كەسكىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇسابىقە مەيدان ئەتراپىدىكى تاماشىبىنلارنى ھاياجانلاندۇردى، ئۇلار بەس-بەستە يان تېلېفونلىرىنى چىقىرىپ سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇردى.

   تۆۋەنكى سۇبۇلاق كەنتىدىكى دېھقان ئارزۇگۈل مۇختەر مۇنداق دېدى: كەنتتە يازدا شال چېچەكلىرىنىڭ خۇش ھىدى تارىلىدۇ، كۈز پەسلىدە مول ھوسۇل ئېلىنىدۇ، قىش پەسلىدە مۇز ئۈستى باغچىسىغا ئايلىنىدۇ، دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئەتراپتىكى نۇرغۇن ساياھەتچى كېلىپ، كەنتىمىز ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى.

   قار-مۇز ساياھىتى كىشىلەرنى جەلپ قىلىپلا قالماي، يەنە ئىستېمالنى جانلاندۇردى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ئىشىك ئالدىدا يايما ئېچىپ تىجارەت قىلىپ، خېلى كۆپ كىرىم قىلدى. تۆۋەنكى سۇبۇلاق كەنتىدىكى دېھقان مەمەت ئىمىن كاۋاپ، سوغۇق سەي ۋە ئۆپكە-ھېسىپنى ئاساس قىلىپ ساتتى، يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۇنىڭ كۈندىلىك كىرىمى 1800 يۈەن ئەتراپىدا بولدى. «سودا ناھايىتى ياخشى، ئىلگىرى ھەر يىلى قىشتا بىكار بولۇپ قالاتتىم، ھازىر قار-مۇز ساياھىتى مېنى پۇل تاپىدىغان يولغا ئىگە قىلدى» دېدى مەمەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ