خوتەن دورىلىق چېيى
خوتەن دورىلىق چېيىغا باشقا چايلار قوشۇلمايدۇ، يەرلىكتە دورا ھەم يېمەكلىك ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان قەلەمپۇر، ئالقات، زەنجىۋىل، جۈزە پوستى، قىزىلگۈل، ئارپىبەدىيان، پىننە قاتارلىق 30 نەچچە خىل خام ماتېرىياالنى يانجىپ چىلاش ئارقىلىق ياسىلىدۇ.
ئەنئەنىۋى ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى قولدا ياسىلىدۇ، ياسىلىش جەريانى ئۈجمە دەرىخى قوۋزىقىنى سويۇش، چىلاش، قاينىتىش، يانجىش، ئېچىتىش، سۈزۈش، قېلىپقا سېلىش، ئاپتاپتا قۇرۇتۇش، سىلىقلاش قاتارلىق توققۇز ئىش تەرتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«ئايۋان ساراي»
«ئايۋان» دېگىنىمىز ئەگمە شەكىللىك تۈڭلۈكى بار ئىمارەتنى كۆرسىتىدۇ، «ساراي» دېگىنىمىز بۇ خىل ئىمارەت ئىچىدىكى مېھمانخانا ياكى مېھمان كۈتىدىغان جاينى كۆرسىتىدۇ، بىر پۈتۈن ئىمارەت «ئايۋان ساراي» دەپ ئاتىلىدۇ.
ماي چىراغ ئۇسسۇلى
خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ بىر خىل شەكلى. ئۇسسۇلچى بېشىغا تېگى تەكشى بولغان ساپال قاچىدىن ياسالغان ماي چىراغنى قويىدىغان بولۇپ، ماي چىراغنىڭ نۇرى ۋە ئۇسسۇل ئوينىغۇچىنىڭ قايناق ھېسسىياتى ئارقىلىق ئورۇنلىنىدىغان مەشرەپ ئۇسسۇلى.
سەنەم
سەنەم كېرىيە ناھىيەسىگە تارقالغان بولۇپ، ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ھەر مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى بوستانلىقلاردىن باشلانغان. سەنەمنىڭ ئورۇنلاش ئۇسلۇبى كۆپ خىل، ئاددىي، جانلىق بولۇپ، رىتىمى ۋە ھەرىكەت قانۇنىيىتى روشەن مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە.
خوتەن گىلىمى
غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، يىپەك يولى گۈللىنىپ، گىلەم ۋە ياسىمىچىلىق ھۈنەر-سەنئىتى كەڭ دائىرىدە تارقىلىشقا باشلىغان. خوتەن گىلىمى روشەن مىللىي ئالاھىدىلىككە ۋە قويۇق يەرلىك تۈسكە ئىگە.
ئەتلەس
ئەتلەس «باغلاپ بويالغان يىپەك» دېگەن مەنىدە بولۇپ، خوتەندىن چىققان ئەڭ دەسلەپكى ئەتلەس ھازىرغىچە نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە.
قاپاققا داغماللاپ رەسىم سىزىش
قاپاققا داغماللاپ رەسىم سىزىش ھۈنىرى لوپ ناھىيەسىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ، سىرلىق ھەم رەڭگارەڭ تۈسكە ئىگە قاپاقلار قول بىلەن بەلگە قويۇش، ئويۇش، چېكىش، بوياش، سۈرتۈش، سىزىش ئارقىلىق ياساپ چىقىلىدۇ.
دوگۇر توپ
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دوگۇر توپى يەنە «مەررە توپ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ بىر خىل ئەنئەنىۋى خەلق ئىچى ئويۇنى بولۇپ، جانلىق ئوينىلىدۇ، كېرىيە ناھىيەسىدىكى ئامما بۇ ئويۇننى ئىنتايىن ياقتۇرىدۇ.