1-ئاينىڭ 5-كۈنى، ساياھەتچىلەر قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ بەيچۈەنخۇ كۆلىدە تۆگىدە چانا سۆرەشنى ھېس قىلماقتا.
تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن بەيچۈەنخۇ كۆلى قار-مۇز كاتتا مەرىكىسى پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ساياھەتچىلەر بازار ئايلىنىپ، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، قار-مۇز كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى ھېس قىلالايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى.