تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قۇتۇبى: يېزا-كەنت قار-مۇز كاتتا مەرىكىسى «ساياھەتچىلەرگە يۇرت تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇردى»

     ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ بىن، ئىختىيارىي مۇخبىر ما خۇي خەۋەر قىلىدۇ1-ئاينىڭ 2-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۇن بازىرى شىسەنخۇ كەنتىدىكى يازىخۇ كۆلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر قار-مۇز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، چاقتا قار تېيىلىش، قار چانىسى، مۇز ئۈستىدە نۇر ئويناش قاتارلىق قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇز يېرىپ بېلىق تۇتۇش، قار ئادەم ياساش، قار ئېتىشىش، قار پومزەك قاتارلىق ئاتا-ئانىلار، بالىلار بىۋاسىتە ھېس قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى، ساياھەتچىلەر بەس-بەستە يېڭى يىللىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنى خۇشال ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

1-ئاينىڭ 2-كۈنى، ساياھەتچىلەر قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۇن بازىرى شىسەنخۇ كەنتىدىكى يازىخۇ كۆلىدە چاقتا قار تېيىلىش، قار چانىسى، مۇز ئۈستىدە نۇر ئويناش قاتارلىق مۇز ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى بىۋاسىتە ھېس قىلماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى
   
   ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ فۇلىنىڭ دېيىشىچە، بۇ يەردە مەززىلىك تائاملارنى تېتىغان، يەنە كەڭ تەبىئەتكە يېقىنلاشقان، يېزا-كەنت كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق ئىكەن، ئىزچىل شەھەردە خىزمەت قىلىپ، تۇرمۇش كەچۈرۈپ كېلىۋاتقان ۋاڭ فۇلى يۇرتنىڭ تۇيغۇسىنى ھېس قىلغان.
1-ئاينىڭ 2-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۇن بازىرى شىسەنخۇ كەنتىدىكى يازىخۇ كۆلىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇز يېرىپ بېلىق تۇتۇش پائالىيىتىدە تۇتۇلغان «بېلىق شاھى».
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى
   
   قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۇن بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېڭ خەيلۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، يۈەنخۇسۇن بازىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، قار-مۇز كاتتا مەرىكىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ساياھەتچىلەرنى قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ خۇشاللىقىنى تېخىمۇ ياخشى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىمۇ ئاشۇردى.

1-ئاينىڭ 2-كۈنى، ساياھەتچىلەر قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۇن بازىرى شىسەنخۇ كەنتىدىكى يازىخۇ كۆلىدە مۇز ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش تۈرىنى بىۋاسىتە ھېس قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى

1-ئاينىڭ 2-كۈنى، ساياھەتچىلەر قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۇن بازىرى شىسەنخۇ كەنتىدىكى يازىخۇ كۆلىدە چاقتا قار تېيىلماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى

1-ئاينىڭ 2-كۈنى، ساياھەتچىلەر قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۇن بازىرى شىسەنخۇ كەنتىدىكى يازىخۇ كۆلىدە ئات چانىسى ئوينىماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى

1-ئاينىڭ 2-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۇن بازىرى شىسەنخۇ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى مەززىلىك كاۋاپلارنى پىشۇرماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى

1-ئاينىڭ 2-كۈنى، ساياھەتچىلەر قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۇن بازىرى شىسەنخۇ كەنتىدىكى يازىخۇ كۆلىدە يەرلىك يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ