تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كورلا شەھىرى: ئۆينى تاپشۇرغان ھامان كىنىشكا بېجىرىدى، «قاترىمايدىغان» بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر سۈن شىخەن

«يېڭى ئۆيگە تېخى كۆچۈپ كىرمەي تۇرۇپلا، <كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى>نى قولىمىزغا ئالدۇق، بۇنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن». 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى، كورلا شەھىرى جيەنيې تيەنلۇ شاڭيۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى جاڭ مەن قاتارلىق 128 ئائىلىلىك مۈلۈك ئىگىسى ئۆي-زېمىن تەرەققىيات كارخانىسى بىرىنچى تۈركۈمدە ئۆينى تاپشۇرغاندىن كېيىن ئوڭۇشلۇق ھالدا «كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى»نى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، كورلا شەھىرى بۇلتۇر 8-ئايدا يولغا قويغان «ئۆينى تاپشۇرغان ھامان كىنىشكا بېجىرىش» خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتنى نۇقتىدا سىناق قىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى تۈركۈمدىكى مەنپەئەتلەنگۈچى بولۇپ قالدى.

«ھازىر يېڭى ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىش بىلەن گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋېلىش ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىپ، قولايلىق بولدى ھەم خاتىرجەم بولدۇق» دېدى جاڭ مەن خۇشال ھالدا.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، كورلا شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى داۋامىدا، «ئۆينى تاپشۇرغان ھامان كىنىشكا بېجىرىش» قاتارلىق خەلققە قولايلىق، كارخانىلارغا پايدىلىق تەدبىرلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئاممىنى كىنىشكا بېجىرىشتە «قاترىمايدىغان» بولۇش مۇلازىمىتىدىن ھەقىقىي بەھرىلەندۈردى، شۇنداقلا ئۆي-زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرىغا قولايلىق ئېلىپ كەلدى.

«ئىلگىرى تاۋار ئۆي سېتىۋالغاندا، ئۆي-زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆي پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغاندىن كېيىن، بىنا ئۇلىنى ئەمەلىي ئۆلچەش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ، ئاندىن مۈلۈك ئىگىلىرىگە ئۆي تاپشۇراتتى، تاكى تۇنجى قېتىم تىزىملاش تاماملانغاندىن كېيىن، مۈلۈك ئىگىلىرى ئاندىن ئائىلە بويىچە <كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى> بېجىرەتتى، ئەڭ تېز بولغاندىمۇ ئالتە ئاي ئەتراپىدا ۋاقىت كېتەتتى» دېدى كورلا شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى شېن يۈپىڭ.

بۈگۈنكى كۈندە، «ئۆينى تاپشۇرغان ھامان كىنىشكا بېجىرىش» خەلققە قولايلىق مۇلازىمىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۆي-زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرى قۇرۇلۇش تۈرىدە قۇرۇلۇش سۈپىتىنى بەش تەرەپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، كۆچمەس مۈلۈكنى تۇنجى قېتىم تىزىملاش كەسپىنى تاماملىغان ھامان ئائىلىلىكلەرگە «ئۆينى تاپشۇرغان ھامان كىنىشكا بېجىرىش» رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىدۇ، مۈلۈك ئىگىلىرى ئىككى سائەتتىلا «كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى»نى ئالالايدۇ.

«<ئۆينى تاپشۇرغان ھامان كىنىشكا بېجىرىش> ئەندىزىسى ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ <كىنىشكىنى كېچىكىپ ئېلىش> <كىنىشكا بېجىرىش تەس بولۇش> قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ كىنىشكا بېجىرىش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپلا قالماي، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نوپۇسقا ئالدۇرۇش، پەرزەنتلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇش، رەنىلىك قەرز ئېلىش قاتارلىق ئۆي-مۈلۈككە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ۋاقتىدا ئىشقا ئاشۇردى» دېدى شېن يۈپىڭ.

كورلا شەھىرى جيەنيې تيەنلۇ شاڭيۈەن تۈرىنىڭ باش دىرېكتورى سۇڭ فۇيۈەن مۇنداق دېدى: «يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق بولغان كىنىشكا بېجىرىش تەسىراتى مۈلۈك ئىگىلىرىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ، يەنە ئۆي-مۈلۈكنىڭ سېتىلىشىغا مەلۇم دەرىجىدە تۈرتكە بولۇپ، قوش پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ».

​شېن يۈپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆينى «دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال بېجىرىش» كىنىشكا بېجىرىش ۋاقتىنى يەنىمۇ قىسقارتتى، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەركىزى ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، ئۆي-زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرىنىڭ بىنا سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىگە تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ